ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
چۇشلىرىمدىن ئىزلىدىم سىنى
يۇلتۇز سۇپەت چاقناپ ھىسلىرىم،
پىغانلاردىن كەتمىدىم تىخى.
جۇپلەشكەندە تۇندە كىرپىگىم،
چۇشلىرىمدىن ئىزلىدىم سىنى.
تەنھا دوقمۇش يىگانا سايە،
ئىزلىرىمنى قىلمىغىن تاۋاپ.
يۇرۇگۇمنى يۇشۇرۇپ پىنھان،
تاپاي دەيمەن دۇنيادىن ساۋاپ.
ئاڭلىمايمەن سۇيگۇ ناخشىسى،
قۇلاقلىرىم ئىتىلگەن مەھكەم.
كۆرەلمەيمەن سىنىڭ قەبرەڭنى،
چۇنكى كۆزۇم يۇمۇلغان نىكەم.
يۇدۇپ مىنىڭ ئارمانلىرىمنى،
جەننىتىڭگە كەتتىڭ ئالدىراپ.
چالا قالدى بىز ئىيىتقان ناخشا،
كالىنداردىن مىسرا ۋاراقلاپ.
گىرەلەشسە تۇندە شىۋاقلار،
شاماللارغا تاپشۇرغىن مىنى.
سۇيگۇڭ ماڭا مەڭگۇلۇك تىما،
سۇيۇپ ئۆتەي سىنىلا سىنى.
ئايغا قاراپ ئايدەك نۇرلىنىپ،
ئىللىققىنە كۇلمىدىم تىخى.
يۈمۇلغاندا ياشلىق كۆزلىرىم،
چۇشلىرىمدىن ئىزلىدىم سىنى.