ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
بويۇڭنى تۈز سوزۇپ ياتقان چېغىڭدا،
مەڭگۈلۈك خىيالغا پاتقان چېغىڭدا،
كۆز يۇمدى ئانام، دەپ ئويلىماپتىمەن،
ھاياتقا خۇش ئەيلەپ قاتقان چېغىڭدا.
تاۋۇتۇڭ قوللارغا قونۇپ ماڭغاندا،
دوستلىرىم يېنىڭغا توپا تارتقاندا،
ئىشەندىم، كەتكىنىڭ راست ئىكەن ئانا
قەبرەڭنى ھازا ۋە دۇئا باسقاندا.
ئانا، كەتتىڭ، ھېلى كېلەر دەپ قالدىم،
يولۇڭغا تەلمۈردۈم، تەلمۈردۈم تالدىم.
سەن باردا سەلتەنەت بىر مېنىڭ ئىدى
كەلمىدىڭ، ھىجرانغا دېمەك پالاندىم.