ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
چىدىمايتتىم سەنسىز كۈنلەرنى كۆرمەككە،
ئەلەم يۇتۇپ تولغىناتتىم كۆرمىسەم.
خىيالىمنى چېچىپ كەتتىڭ تۈمەن رەت،
كېتەلەيتتىم ساڭا دىلدىن كۆيمىسەم.
قۇل بولدۇممۇ كۆيگىنىمگە ساڭا مەن،
پىنھانلاردا باغاشلىدىم ئويۇمنى.
تۈنلىرىمدە يەنە تەنھا بىرلا مەن،
جىمجىت يۈرۈپ كۈتمەكتىمەن ئۆلۈمنى.
ئۇۋال بولماس سۆيەلمىسەم سېنى مەن،
گۇناھىڭنى تىلىمىگىن تەڭرىدىن.
زىكرى قىلىپ يۈرگىنىمدە ئىسمىڭنى،
كەچكەنمىدىڭ ئۈزۈل –كېسىل مېنىڭدىن.
گاھى بولسام خىيالىڭدا شاھ –سۇلتان،
گاھى مۇزدەك ئايان بولدۇم سەن ئۈچۈن.
گاھى مېنى سامالاردا ئۇچۇردۇڭ،
گاھى قۇلدەك ئايان بولدۇم سەن ئۈچۈن.
ئەلمىساقتىن شۇنداق دەيمىش كىشىلەر،
‹‹سۆيگۈ ھامان قارشى قىرغاق ياسايدۇ››.
كەچمىشىمدە ساڭا قارشى ئەمەسمەن،
ۋاپاسىزنى ئۇشبۇ دۇنيا ساۋايدۇ.
كۈيلىرىمنى ساڭا باغاش ئەتسەممۇ،
ئەسكى بولۇپ تونۇلغانغۇ ساڭا مەن.
دۈشمەن تولا ئاشىقلارغا جاھاندا،
يېقىن يۈرسەم ئەمەن تېتىپ قالدىم ھەم.
نىگاھىڭنى ئىزدىمەسمەن ھەرگىزمۇ،
كۈندە شۇنداق ئايان بولاي سەن ئۈچۈن .
رەنجىگىم يوق بۇ دۇنيادا ھېچكىمدىن،
گاھى نۆلدەك ئايان بولاي سەن ئۈچۈن.