ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
قانچە كۈنلەر ، قانچىلاپ يىللار،
ئۆتۈپ كەتتى ھالىم بەك خاراپ
بەخت نىمە ؟ بىلەلمىدىم ھېچ
بۇ قەلبىمنى باقسام ۋاراقلاپ
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما
يۈرىكىمدە يىغلار مىڭ پىغان
تۆلىسەممۇ بىر ئۆمۈر بەدەل
ئائىلىنى قىلغۇم يوق گۇمران
ئىتائىتىم بولدى خاتالىق ،
يۈرىكىممۇ بوپ قالدى نىمجان
بىر جۈپ سەبىي بالا تەسەللى
بېرەر ماڭا ئۈمۈد ، ھاياجان
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما
پەرزەنت بىلەن كۆڭۈل شادىمان .
بەخت دېگەن مۇشۇنداق بەلكىم
بەخت بىلەن ئازاپ بىر كارۋان
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما
بىر جۈپ بەخت يېنىمدا ھامان
بەخت دېگەن مۇشۇنداق بەلكىم
كۈلكە بىلەن يىغا چىرماشقان .