ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> شىئىر >>
كاتتا زات شوجاڭ دىگەن
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:47  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
كاتتا زات شوجاڭ دىگەن
ئاپتۇرى:ئالاھىدىن ئابدىرىشىت
كاتتا زات شوجاڭ دىگەن ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،
باش ئورۇپ تازىم قىلىپ ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
كۈندە مىڭ (خوش- خوش ) نى پەرز. سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،
توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،
ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
ئالمىغان ھوقۇقنى ھەرگىز ئاسانلا قولىغا،
تىشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈندە ماڭغان يولىغا.
ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھولىغا،
سېتىۋالغان تۆگىنى ، تۈگمە ساتقان پۇلىغا .
توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە- كەلمەس ئىشلىتەر،
كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات خالىغانچە كىشنىتەر،
ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا ،بۇيرۇق بىلەن كىش- كىشلىتەر،
سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكلات بىلەن يەر چىشلىتەر،
مۆرىمەسلىكنى ئىسىل ئادەت قىلىڭ ئەڭ ياخشى.
 
ئالتە كۈندە سىزگىمۇ تارقاقلىشىشنىڭ گىپى بار،
بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا ياخشىلارنىڭ دېپى بار،
ياخشىلارنى ( ئىقتىدارسىز ) دەپ چېقىشقا ئېپى بار،
( يا قىزىل ياكى ئىگىز يەرگە مېڭىڭ ) دەپ خېتى بار،
كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا توغقىنىنى قويىدۇ،
ئىززىتىنى ھۆرمىتىنى ئوققىنىنى قويىدۇ،
پايدا مەنپەئەت نەدە بولسا يۇققىنىنى قويىدۇ،
ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ،
قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھىممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
بىرلىرى ۋالىيغا يا شۈجىگە يۇرتداش كىلىدۇ،
بىرلىرى ھاكىمغا تۇققان، دوست، ساۋاقداش كىلىدۇ،
بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش- پىكىرداش كىلىدۇ،
بۇنى ئېيىتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس تاش كىلىدۇ،
سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست ئۆلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
بولسىڭىز خانىم ئەگەر لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ،
مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ، ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ،
ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ- چىڭراق قىلىڭ،
ئەتە- ئۆگۈن دەپ يۈرمەڭ بۇنى تىزراق قىلىڭ،
ئىرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
ئۆيىڭىزگە ئاخشىمى پاقلان سويۇپ باشلاپ تۇرۇڭ،
( شوجىڭىم ) دەپ ( باشلىقىم ) دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ،
دۈمبىسىنى ئوۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ،
تال چىۋىقتەك تولغىشىپ قاش كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ،
ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن دەپ جۆيلىمەڭ،
يەتمىسە شوجاڭغا نەپ ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ ، جۆيلىمەڭ،
تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ،
جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا (خەپ ) جۆيلىمەڭ،
ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
نىمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دىگەن؟؟؟؟
نىمە ئۇ ھوقۇق ئەمەلنىڭ ئالدىدا مىھنەت دىگەن؟؟؟؟؟
نىمە ئۇ دىجدان- غورۇر، بىلىم دىگەن، خىسلەت دىگەن؟؟؟؟
نىمە ئۇ ۋەتەن دىگەن، ئەۋلات دىگەن،مىللەت دىگەن؟؟؟؟
تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
كۈندۈزى ئادەم سىياقتا كېچىشى شەيتان بولۇڭ،
رېستۇرانلاردا- قاۋاقتا ئادىمى ھايۋان بولۇڭ،
قىز تېپىپ -چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز (مىھمان ) بولۇڭ،
مەيلى خەق دەللال دىسە شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بولۇڭ،
ئار نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دىگەن،
شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دىگەن،
بىر قوتۇر ئىشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دىگەن،
بولمىسا بىر يولىڭىز بىر يول قىلار شوجاڭ دىگەن،
قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
قاغىلارنى ئاق دىسە ئاق دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
ئوغرىلارنى ساق دىسە ساق دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
ئىككىنى تاق دىسە تاق دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
ياق دىسە سىزمۇ ھەم ياق دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ
ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەركەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز،
دولىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز،
باشقىلار قوغلاندى دەر ئىزا- ئەلەمگە پاتىسىز،
جۆرىڭىز يوق بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز،
تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت بىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
 
سىزنى خىزمەتداش بىلىپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىدىم،
تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم دەرتنى دىدىم،
مەيلى ئاڭلاڭ- ئاڭلىماڭ گەپ بولسىمۇ نەپنى دىدىم،
ئوڭ دىدىم تارتتىم زىيان ، ئەمدى شۇڭا چەپنى دىدىم،
ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/xier_177.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号