ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شەيتان
قەمبەرنىسا مەمەت
شەيتان بىلەن دوسلاشما دەيسەن ئۇزۇڭ ئەسلى شەيتان تۇرۇپ،
گۇناھتىن يىراق تۇر دەيسەن گۇناھقا ئۇزۇڭ تاۋكا قۇرۇپ.
پەدازلىساڭمۇ چانىدۇ ،ئىچىڭ ،تېشىڭ شەيتانلىقىڭ ،
كۆز ئالدىمىدا قۇيىسەن ئويۇن ،شەيتاننى تەستەكلەپ ئۇرۇپ.
شادلىقىمغا پەرىشانسەن ،ئەبەدىيىلىك دوستۇم تۇرۇپ ،
سۆزلىرىڭدىن دىلىم سۇيۇنۇپ كەتكەن ئىدى قەلبىم يۇرۇپ .
تۇگىمەي كەتتى ، سەھنىلەردە ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرىڭ ،
باشقىلارغۇ چالدى چاۋاك ،ئىشەنچىمگە سالدىڭ قۇلۇپ.
بىللە تۇرسام ،بىللە ماڭسام يوللىرىڭدا ھەمرا بۇلۇپ،
قىرقاۋەرمە غوللىرىمنى ،يىلتىزىمغا پىچاق ئۇرۇپ.
مۇستەسنامەن ساڭا ئىجىل يېقىنلىقتىن ،جىسمىم موردا،
نىمە دەيسەن يۇرىگىمگە گۇللۇك كەشتە ئۇيۇپ قۇيۇپ.
شەيتان ئازدۇرمىسۇن دەيسەن ئۇزۇڭ ئەسلى ئازغۇن تۇرۇپ،
ئاق ئۆي ياساپ بىرىپ ماڭا چەكلىمە ۋە تۇزۇم بۇيرۇپ.
جىسمىم قەپەزدە ئولتۇرار ،روھىم كۆكتە قىلار پەرۋاز،
قاخشىمايمەن ئەخمەق بۇلۇپ ،رۇجەكلەرگە ئۇزۇم ئۇرۇپ .
قاچان چىللاپ دوسلاشقانسەن شەيتان بىلەن بىلەلمىدىم ،
دورا بىرىپ ،چارە قىلىپ ئىستىلىڭنى تۇزەلمىدىم .
بىلسەڭ ئىدىڭ بۇ پاتقاققا سىنى تاشلاپ كىتەلمىدىم ،
نە قىلارمەن ،قاچان كېتەر دىلىم يۇرۇپ،ئېچىلار قۇلۇپ.