ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
_______________________
توزىغان غۇنچە
________
ھايات قىسمىتى كۆپ ئىكەن شۇنچە،
ئىچىلماي توزىدى بىغۇ بار غۇنچە.
كۆزىدىن ئەمەس يۈرەكتىن تامدى،
قىساسقا تولغان قانلىق بىر تامچە.
_____________________
تىنماي ئاھ ئۇرار كۈندۈز ۋە كىچە،
ئۆكسىمەي تۆكىلەر كۆزىدىن ئۈنچە،
نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيىتتى،
بۇنچە قىسمەتكە دۇچار بولغۇچە.
________________________
ئازاب ئىچىدە تۆكىدۇ ياشلار،
كەلگۈسى ئۈچۈن قاتىدۇ باشلار.
كۈندۈزى ئويلاپ، كىچىسى يىغلاپ،
ئاقىرىپ كىتەرمۇ قاپقارا چاچلار.
________________________
شېئىرنى يازغۇچى : گۈلنۇر مەخمۇت
باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ