ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
___________________________
تەبەسسۇمدا باقسام كۆزۈڭگە،
يىنىپ ماڭدىڭ غىرىپ كۆلبەڭگە.
بىلمەپتىمەن تاش يۈرەككەنسەن،
ئازار بەردىڭ نازۇك قەلبىمگە.
___________________________
ئولتۇرۇپسەن شۇنچىلىك غەمكىن،
بىچارە ھەم بوۋايدەك مىسكىن.
پاك قەلبىمنى رەت قىلغان بولغاچ،
غىرىپ كۆڭلۈڭ تاپمايدۇ تەسكىن.
___________________________
كۆرسەتسەم گەر باغرىمنى يىرىپ،
تاش بولسىمۇ كىتەتتى ئېرىپ.
تاشتىنمۇ تاش خۇددى بەزكەنسەن،
ئۆتكىن ئەمدى بىر ئۆمۈر غىرىپ.
___________________________
شېئىرنى يازغۇچى : گۈلنۇر مەخمۇت
باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ