ئوۋچىنڭ مۇھاببەت خېتى
ئابدۇرېشىت ئېلى
مەن سېنى سۆيەتتىم، سېنى بىر ئۆمۈر،
سەنمۇ شۇنداق ئىدىڭ ئامرىقىم.
ئەمما قورقۇپ رەقىبىمىزدىن،
قىلالمىدىڭ قەلبىڭىنى ئىزھار.
سېنى ئۇزاق كۈتتۈم يايلىقىم،
ئۇندا گۈللەر ئېچلىغان تامام.
ئاسمىنىدا پارلاق دائىما،
قۇياش...بىزگە تەشنا ئاشۇ جاي.
ئەندىشنى چۆرىۋەت ، ئەمدى،
يەتتى تاقەت ئاداقى چەككە.
توسقۇنلارغا مېنىڭ بارلىقىم،
تەييار بولدى جازا بەرمەككە.