تەلمۈردۈم يۇلۇڭغا كەلمىدىڭ يايرىم،
كەتتىڭمۇ شۇنچە تېز مېنى ئۇنتۇلۇپ.
توستىمۇ يۇلۇڭنى ياكى بىرەرسى،
قالدىڭمۇ كەلمەسكە مەڭگۈ تۇسۇلۇپ.
چىدايمەن قانداقمۇ كەلمىسەڭ ئەگەر،
ھەسرەتتىن يۈرۈگۈم كەتسە ئۆرتۈنۈپ.
كېلەرمۇ ئاخشىمى كۆزۈمگە ئۇيقۇ،
كەتمەمدىم ئىسمىڭنى توۋلاپ ئويغۇنۇپ.