ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
بىراۋ تاپسا يۈز ئابرۇي، چىدىمىساڭ ئۆلۈۋال،
ئامەت كەلدى ياخشىغا، چىدىمىساڭ ئۆلۈۋال.
يولدا ماڭسا ئاشىقلار ھەسەت قىلىپ، تولغىنىپ،
ئىزدەپ قۇسۇر، يامان گەپ تاپالمىساڭ ئۆلۈۋال.
خوش بولىسەن بىراۋنىڭ كۈلپەت چۈشسە بېشىغا،
كېچە-كۈندۈز ئويلايسەن توپا چاچسام ئېشىغا.
قوندۇرمايسەن چىۋىننى ھەتتا گۈلە-قېقىڭغا.
ياخشىلارغا ئورىلار قازالمىساڭ ئۆلۈۋال.
ھالال ئىشلەپ پۇل تاپسا، ئۇخلىيالماي تولغىنىپ،
ئاھ ئۇرىسەن ھەر دەقىق كىچىدىمۇ ئويغىنىپ.
ئۆتەر كۈنۈڭ بىر ئۆمۈر، ئاقنى قارا كۆرسىتىپ.
ياخشىلارغا پەشۋانى ئاتالمىساڭ ئۆلۈۋال.
كۆرسىتىسەن تۆگە دەپ، ھەتتا كىچىك تۈگمىنى،
بىلىمەن دەپ داڭلايسەن، ھەممە ئىشنىڭ ئېپىنى.
ئۆتەر كۈنۈڭ لالمىدەك، تۇتماي ئىشنىڭ بېشىنى.
سەندە نەشتەر بار، لېكىن چاقالمىساڭ ئۆلۈۋال.
دەسسەپ خازان قىلغۇڭ بار بىر چىرايلىق مايسىنى،
چېلىپ ھىيلە كانىيى، ئاپتاپ دەيسەن سايىنى.
يۇۋاشلارنى بۇزەك قىپ، ئۇرالمايسەن نوچىنى،
ھەققانىيەت تېمىنى، چاقالمىساڭ ئۆلۈۋال.
پۇت قويىسەن ياخشىغا، كۈندە قىلماق بولۇپ قەست،
ھەسەت قىلىپ كەينىدىن، گەپ تاپىسەن ئېگىز-پەس.
ئايەم بولار سەن ئۈچۈن، ئۆزگىلەرنى باسسا نەس.
مۇھەببەتكە ئىغۋانى، تېرالمىساڭ ئۆلىۋال.
بېغىدىكى باغۋەننىڭ، تۇرسا مېۋە مەي بولۇپ،
سېسىتقۇڭ بار تۇيدۇرماي، ئۆزگىرىپلا قۇرت بولۇپ.
يازدا ئۆسكەن كۆچەتنى، ئۈششۈتكۈڭ بار جۇت بولۇپ.
بوران بولۇپ ئورماننى، يۇلالمىساڭ ئۆلىۋال.