ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
دوسىتلۇق خاتىرسىگە
دوسىت دېدىڭ دوسىتلۇق ئۈچۈن قول بەردىم ،
يۈرۈگۈمدىن ساداقەتلىك يول بەردىم .
ئىززەت - ئىكرام ھۆرمەتتە ھىچ تىنەشسىز ،
چىن دىلىمدىن ئىناۋەتلىك تۆربەردىم .
كۈلسەڭ ئەگەر ئامىتىڭدىن تېلىقىپ ،
ھەمدەم بولدۇم بەركە تىلەپ دىل قىقىپ .
سۇندۇرمۇدۇم سورۇنلاردا بىئازار ،
سەن ئىزىقساڭ مەن سۆيۈملۈك سۆزقىتىپ.
سىڭىپ كەتتۇق ،سىڭىشتۇق بىز ئۆزئارا ،
كۆڭۈللەردە قاراسىنىش يوق ئالا .
دىيشكەنتۇق بەخىت ئامەت ئالدىدا ،
ئېزىقمايمىز ياقا يېرتىپ بوپ يارا .
ئەمما بۈگۈن پاخلان سويغان سورۇندا ،
قىرلاندىڭسەن رۇمكاڭ بىللە قولۇڭدا .
تەئەججۈپتە تېكىلسەممەن كۆزۈڭگە ،
ئېتالمىدىڭ نمە غوم بار ئويۇڭدا .
ئەپتىڭدىنلا كۆردۇم شۇمپەن پەيلىڭنى ،
ئەر نۇمۇسنى ساقىت قىلغان مەيلىڭنى .
تاپان يالاپ تاپتىڭ ھوزۇر ھالاۋەت ،
دوسىتلار ئۈچۈن قىلما ھەرگىز كەينىڭنى .