ئانامغا
توققۇز ئاي ، تۇققۇز كۈن كۆتۈرۈپ قورساق ،
ھايات _ مامات ئىچىدە يىدىڭىز تولغاق .
ھەممىنى شاتلىققا چۆمدۇرگەن شۇ ئان ،
باغرىڭىز يېرىپ چىققان يىغلاڭغۇ بوۋاق .
تەمتىرەپ ماڭغاندا ئانا دىگەندە ،
ئالەمچە خوشالسىز ، چۆلمۇ گۈلۈستان .
قارايسىز ، تويمايسىز پەخىرلىك بالا ،
چىن سۆيگۈ ئەقىدىنى مەھكەم باغلىغان .
بىر ئۆمۈر كۆيىسىز بولساقمۇ ئانا ،
بالا ئۈچۈن ، ئۆي ئۈچۈن تىنىم تاپمايسىز .
تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ دولقۇنى ئىگىز _ پەس ،
پەرزەنت سىزگە تەسەللى ، سۇنسا دىلىڭىز .
ھالال ئەجىر ، ئۈمۈت ، ئارزۇ _ تىلەك بار ،
دىلخانەمگە قۇياش سىز ، ئۆمۈرگە يولباش .
رازىسىز ئۈمۈت ئۈچۈن دەشتى چۆلىگە ،
قەدەڭىز يا ، كۈمۈش لىباس ئارتىسىمۇ باش .
ھەر بىر سۆزۈڭ زەر ئۈنچە قۇچاغىڭ بىھىش ،
بىر تامچە سۈت ھەققىنى بېرەلمەس بالا .
يىللار سېخى سىز شۇنچە ، قەلبىڭىز گۈلخان ،
قەلبىم تۆرىدە مەڭگۈ ئۇلۇغسىز ئانا .