ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەر تاۋۇزنى توڭلاتقۇدا توڭدۇرۇپ يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدۇ. ئەمەلىيەتتە، توڭلاتقۇدا توڭغان تاۋۇز يېيىلسە، ئادەمنىڭ تال ۋە ئاشقازىنىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ.
توڭلاتقۇدا توڭغان تاۋۇز ئادەمنىڭ يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردىكىنى غىدىقلاپ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ياكى چىش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ، تال ۋە ئاشقازان زەخىملەنسە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. بولۇپمۇ، ياشانغانلار توڭلاتقۇدا توڭغان تاۋۇزنى يېسە ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىنىش، قورساق كۆپۈشتەك ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.(تامام)