ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ماھىرە ئەركىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، توقسۇن ناھىيەسى بۇ يىل 8 – ئايدا ‹‹لەڭمەن بايرىمى›› ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىكەن، بۇ ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئالاھىدە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹لەڭمەن بايرىمى››نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئاشپەزلەر لەڭمەن ئېتىش بويىچە مۇسابىقىلىشىپ، باھالىغۇچىلار باھالىغاندىن كېيىن، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ماھىرلار ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىنىدىكەن. لەڭمەن بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرمۇ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدىكەن، لەڭمەننى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تېز يەپ بولغان ساياھەتچى دەرىجىگە ئېرىشىدىكەن.(تامام)