ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> تائاملار >>
ئۈجمە ۋە ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:956  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   ئۈجمە (جۈجەم) مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ، سىچۈەن، جېجياڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدا، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە سەرقى قىسمىدا كۆپرەك بولىدىغان، كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان، ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان، ھۆل ۋە قۇرۇتقاندىن كېيىنمۇ ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان مېۋە.

    ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A، B، C، گىلۇكوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تانىن كىسلاتاسى، كالتسىي ۋە ئانورگانىك تۇزلار بار.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، شاتۇت قاتارلىق سورتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاق ئۈجمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ساپ قان پەيدا قىلىش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى تازىلاش، تال، جىگەرنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى يۇمشىتىپ سىلىقلاشتۇرۇش، ھەرخىل تەمرەتكىنى تۈپتىن ساقايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قۇرۇق سوغۇق (سەۋدا) مىجەزگە پايدا قىلىدۇ. قارا ئۈجمىنىڭ تەركىبىدە، قارا رەڭ ماددىسى كۆپرەك بولغانلىقتىن، رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭە ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە. قارا ئۈجمە سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرگە پايدا قىلىدۇ. شاتۇتنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، قىزىتما قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىسسىق ئېشىپ كېتىشتىن بولىدىغان جىگەر، تال، ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى تازىلاش، ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، سۇيۇقلاندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىق (سەپرا) مىجەزلەرگە ياخشى پايدا قىلىدۇ.

    ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن باشقا ئۇنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە نوتا شېخىمۇ داۋالاش قىممىتىگە ئىگە. ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، يەل ھەيدەش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىشلارنى داۋالاشتا خېلى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۆپكە، نەپەس يولى كېسەللىرى، دەم سىقىلىش، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئۈجمە شېخىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، رېماتىزم، پۇت – قول ئۇيۇشۇشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى.

    500 گىرام ئۈجمە شىرنىسىغا 100 گىرام كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ھالۋىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرام ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

    ھۆل ياكى قۇرۇق ئۈجمىنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ، ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ئىچسە، ماغدۇرسىزلىق، قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قۇرۇتۇلغان 200 گىرام قارا ئۈجمىگە 200 گىرام ئوغرى تىكەن، 50 گىرام دارچىن، 50 گىرام زەنجىۋىل ۋە ئېگىر، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيانىڭ ھەر قايسىسىدىن 100 گىرام ئارىلاشتۇرۇپ، چالا سوقۇپ، ئاندىن بەش كىلوگىرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىقى، مەيدە ئاغرىش، بالىياتقۇ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەلۇم مىقداردىكى شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆل ياكى قۇرۇق شاتۇتنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىشتەي تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەلۇم مىقداردىكى ئۈجمە يوپۇرمىقىنى سۇدا قايناتقاندىن كېيىن ئىلمان پېتى ئىچسە، جىگەردىكى ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدۇ. قىزىرىپ ئاغرىغان كۆزنى مۇشۇ سۇدا كۈندە بىر قانچە قېتىم يۇيۇپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قىش ياكى ئەتىيازدا ئۈجمە يىلتىزىنىڭ قارا پوستى بىلەن ئىچىدىكى ياغىچىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئاق يىلتىز پوستىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن 500 گىرامنى سوقۇپ تاسقاپ، 30 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئالتە گىرامدىن ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك راۋانلىشىدۇ، ئىششىق يانىدۇ، ئۆپكىدىكى ھارارەت تۆۋەنلەيدۇ، بەلغەم بوشايدۇ، يۆتەل توختايدۇ.

    شاتۇت ۋە قارا ئۈجمىنى ھاراققا چىلاپ ئاپتاپتا بىر ئاي قويغاندىن كېيىن ھەر كۈنى 50 گىرامدىن ئىككى ۋاق ئىستېمال قىلسا، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. ھەر خىل بوغۇم ياللۇغى، رىماتىزىم قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/taam_530.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号