ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> تائاملار >>
2–نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:570  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

 800 يېمەك–ئىچمەك كارخانىسى 1000 خىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلۈدىغان 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى ۋە شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بايرام دېيىلدى) 20 – ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – يەرمەنكە مەركىزىدە باشلاندى. بايرامغا قاتناشقان 800 يېمەك – ئىچمەك كارخانىسى يەرمەنكە مەركىزىنىڭ ئىچى – سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 1200 يايما ئورنىدا ئۆزگىچەمۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىنى كۆرەك قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىمەملىكىتىمىزدىكى تائام مەدەنىيىتى ساھەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تائاملىرى ۋە مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە مۇئەيەنلەشتۈرگەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، بۇ ھەم مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتىنى كۆرگەزمە قىلىش، چەت ئەل بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىكېڭەيتىش، شەھەر ئوبرازىنى نامايان قىلىشتا كەم ئۇچۇرايدىغان پۇرسەت. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى روھىنى جارى قىلدۇرىدىغان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   بۇ قېتىمقى مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىدا ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، مۇسۇلمانچە تائاملارنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلىش›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بايرام يەرمەنكە، ماھارەت مۇسابىقىسى، مۇنبەرسۆھبىتى ۋە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەزمۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

   ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى بايرام ئالدىنقى نۆۋەتلىكىگە قارىغاندا كۆلەم، مەدەنىيەت قاتلىمى، مىللىي ئالاھىدىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغانبولۇپ، يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى مۇسۇلمانچە تائام كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرغان. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى تۇنجى قېتىم بۇ بايرامغا قاتناشقان. بايرام مەزگىلىدە يەنە، بىر قىسىم يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى يەرمەنكىگە ئەڭ چوڭ ساڭزا، ئەڭ چوڭ تەخسىلىك لەڭمەن، ئەڭ چوڭ قازاندا پىشۇرۇلغان پولو قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇسۇلمانچە تاماقنى قاتناشتۇرۇپ، شاڭخەي دۇنيا جېننىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدىكەن.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چاڭيۈەن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/taam_529.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号