ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە مېزىلىك تائاملار بايرىمى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرى كۆرگەزمىسى 20-ماي ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەڭ چوڭ لەغمەن كىشلەرنى ئۆزىگە تارتتى.
بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەڭ چوڭ لەغمەننى ئۈرۈمچى قەدىمىي كارۋان يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتى تەييارلىغان بولۇپ، 15 كىلو ئۇن ئىشلىتىلگەن. بۇ شاڭخەي دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىنغان«ئەڭ چوڭ لەغمەن» بولۇپ، لەغمەن ئېلىنغان تەخسىنىڭ دىئامېتىرى 1.2 مېتىر كېلىدىكەن.