ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> تائاملار >>
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوناق تائاملىرى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:962  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

     ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتكەئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس مول يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     ئۇيغۇرلار تارىختا خېلى بۇرۇنلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاشلىق تۈردىكىيېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۈملىدىن قوناق تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. قوناق ـــ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر مول بولغاچقا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينى پارچىلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇنى مۇھىم دورا ئورنىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

      قوناق ئادەتتە، كۆممىقۇناق ۋە ئاققوناق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىرگە يەنە، كۆممىقوناق ئاق كۆممىقوناق ۋە سېرىق كۆممىقوناق دەپ ئىككى خىلغائايرىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا، ئاققوناقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل كېلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى قوناق بولسۇن، ئۇنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە ئېزىپ ئۇن قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تائاملارنى ئېتىپ يېيىشكە بولىدۇ.

     كۆممىقوناقنىڭ ئۇنىدا بولسا، قوناق نان (زاغرانان)، كۆمەچ (ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان)، سوقتا كۆمەچ (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا گۆشلۈك نارىن سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ)، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا بېدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇچلارنى سېلىپ، تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان قوناق سامسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ) قاتارلىق نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئېتىپ ئىستىمال قىلغاندىن باشقا يەنە،قۇناق يامىسى، ئۇماچ، زاڭ،يوبدان، مۇنەك ياكى چۇرا (گۆش، سەۋزە، بېدە كۆكى، كاۋا قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپقوناق خېمىرىدا ئىتىلىدىغان ئاش)، ياما قايناتمىسى (قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق تائاملار قازاندا ئېتىپ يېيىلىدۇ.

      ئاققوناق ئۇنىدا ئاساسلىقى، ئاققۇناق نېنى، سىقماق ئېشى (ئاققوناق ئۇنىنىخېمىر قىلىپ، قول ياكى تۆشۈكچىلەر ئېچىلغان خالتىدا سىقىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئاش)، ئاققوناق يامىسى، ئاققوناق ئۇمىچى، ئاققوناق كوچىسى (ئاققوناقنى ئۇن قىلماستىن، پۈتۈن پېتى قازانغا سېلىپ، باشقا خۇرۇچلار بىلەن ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارنى ئېتىپ يىيىشكە بولىدۇ.

      ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقىدەك قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە، قوناق تائاملىرىنى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.مەسىلەن، ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار قوناق ئۇمىچى ئىچىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سوغۇقىئېشىپ كەتكەنلەر تونۇر ياكى ئۇچاقتا پىشۇرۇلغان كۆمەچ تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، شورپىغاقوناق نېنىنى چىلاپ ئىچىش، قېتىقنى قوناق نېنىنى بىلەن ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرغان. ھەتتا، يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارغىمۇ تاماق ھەزىم قىلىشى ياخشى بولۇپ، تېز چوڭ بولىدۇ، دەپ قاراپ، توغۇلۇشى بىلەنلا، قوناق نېنىنى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى ياكى ياڭاق، بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ، ئېغىزلاندۇرۇش ئادەتلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، قوناق تائاملىرى سالامەتلىككە كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىق بولغاچقا، بۇرۇنقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/taam_526.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号