خۇرۇچلىرى: بىر كىچىك چىنە ئۇن ، مۇۋاپىق ئېچىتقۇ، مۇۋاپىق مىقتاردا قوي گۆشى ، بىر باش پىياز ، ئاقمۇچ، قارمۇچ، كىچىك بىر دانە تۇخۇم، ئېرىمچىك (چىز) 30گرام (قوي مېى بولسىمۇ بولىدۇ)مۇۋاپىق شوخلا قىيامى ( ئادەم سانىغا قاراپ تەييارلىنىدۇ.)
ئېتىلىش ئۇسۇلى: ئاۋال خېمىرتۇرۇچنى قاچىغا سالىمىز (ئازراق شېكەر قۇيىۋەتسىڭىز ئېچىتىشنى تېزلىتىدۇ، سىناپ بېقىڭ) ئىلمان سۇغا ئازراق شېكەر قۇيۇپ، خېمىرنى يۇغۇرىمىز . ئسسىق يەرگە قويۇپ قويىمىز. گۆشنى ھەم پىيازنى ئۇششاق چانايمىز ،تۇز ،ئاقمۇچ، قارمۇچ سېلپ ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ ئارلاشتۇرۇرۇپ، قىيمىنى تەييارلىۋالىمىز .
خېمىر بولغاندىن كېيىن، ئېھتىياجىمىزغا قاراپ زۇۋۇلا قىلىۋالىمىز، ئاندىن نوغۇچ بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئېچىپ (يۇمىلاق قىلىپ) . ئاندىن ئەمبەلگە قويۇپ ئۈستىگە ئېرىمچىك ياكى قوي مېيى سۈركەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە شوخلا قىيامىنى تەكشى سۈركەيمىز، ئاندىن تەييار قىلىپ قويغان قىيمىنى ئېچىپ تەييارلىۋالغان خېىمىرنىڭ ئۈستىگە سالىمىز، ئاندىن يەنە بىر ئېچىپ تەييارلىۋالغان خېمىرنى قىيمىنىڭ ئۈستىگە ياپىمىز ھەم قولىمىز بىلەن بوش بېسىپ قويمىز. ئوخشاش ئۇسۇلدا، ئۈچ قات قىلىمىز ھەم مەشغۇلات بويىچە قىيما يېيىتساق بولىدۇ ، ئاندىن ئۈچىنىچى خېمىرنى قېمىنىڭ ئۈستگە قويۇپ ئىككى قولىمىز بىلەنبېسىپ چۆرىسىنى چاپلاشتۇرىمىز. ئاندىن خېمىرنىڭ چۆرىسىنى سىرتىدىن ئىچىگگە تۇرىمىز .
ئاستى تۈز قازاننى قىزىتىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ تەييارلانغان قاتقات گۆشناننى سېلىپ سۇس ئوتتا ئۆرۈپ – چۆرۈپ 20مىنوت ئەتراپىدا پۇشۇرساق بولىدۇ .
پىشقاندا چىرايلىق تاۋاققا ئېلىپ پاچىلاپ يېسىڭىز بولىدۇ. بۇ قاتقات گۆش ناننىڭ تېشى چۈرۈك ،قىيمىسى قاتقات، ئىچى يۇمشاق، يېيىشلىك، چوڭ – كىچىك ھەممىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.