ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ماتېرىيالى: 800 گرام قوي گۆشى، بىر تال قىزىل سەۋزە، بىر تال سېرىق سەۋزە، بىر تال كۆكمۇچ،بىر تال پىياز، بىر تال نان، بىر تال پەمىدۇر، يۇمغاقسۇت تەييارلايمىز.
خۇرۇچلار: شىكەر، كاۋاۋىچىن، سەككىز قۇراق قوۋزاق داچىن، سوگو، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ، سامساق بەش چىش، زىرە، پەمىدۇر قىيامى، تۇز، تېتىتقۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى تۇخۇم چوڭلىقىدا چاناپ قاينىتىپ ئېلىۋالىمىز، سەۋزىنى قىرىپ خىش شەكلىدە ياكى يۇمۇلاق توغرايمىز، سۇڭپىياز بىلەن زەنجىۋىل ياپىلاق ئات قۇلاق شەكىلدە توغرايمىز، ناننى 8 پارچىگە بۆلۈپ توغرايمىز.قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچنى قايناق سۇغا بېسىپ يۇمشىغاندا چانايمىز، پەمىدۇرنى قوغۇن تىلغاندەك توغرايمىز، پىيازنى چوڭ - چوڭ توغرايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا بىر چۈمۈچ ياغ قويۇپ، شىكەر سېلىپ قوچۇپ قىيام بولغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز، ئاندىن سامساق، زەنجىۋىل، پىياز، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ تۇز سالىمىز، ئاندىن چانالغان قىزىلمۇچ، پەمىدۇ قىيامىنى سالىمىز، ئاخىرىدا قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ، كاۋاۋىچىن، سەككىز قۇراق قوۋزاق داچىن، سوگو سېلىپ قورۇپ سۇ قويۇپ يۇقىرى بېسىمىلىق قازاندا 10 مىنۇت قاينىتىمىز، پىشقاندا ئاغزىنى ئېچىپ سەۋزىنى سېلىپ يەنە 2 مىنۇت قايناتساق بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە، سەۋزىنى قاچىغا سېلىپ قاسقاندا پۇشۇرساقمۇ ياكى سۇدا پۇشۇرساقمۇ بولىدۇ.
پىشقاندا يۇقىرى بېسىمىلىق قازانغا قويۇپ تۇز، تېتىتقۇ، ئات قۇلاق توغرىغان سۇڭپىياز، زىرىنى سېلىپ تەمىنى ياخشى تەڭشەپ ناننىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، يۇمغاقسۇت سېپىپ يېسەك بولىدۇ.