ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

6-سېنتەبىر — 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلغان 5-كۈن ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئويۇن قويىدىغان ۋاقتىغا يەنە بىر سائەت بار ئىدى ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 1-قەۋەت چوڭ زالىدىكى سەھنە ئالدىغا ئاللىقاچان نۇرغۇن تاماشىبىنلار توپلاشقان ئىدى ، بەزى تاماشىبىنلار داق يەردىلا ئولتۇرۇپ ئويۇننىڭ باشلىنىشىنى ساقلاۋاتاتتى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر سائەتتىن جەمئىي ئالتە مەيدان ئويۇن قويغان .بۇ تۆت كۈندىن بېرى ، ھەر كۈنى ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، سەھنىنىڭ ئەتراپىنى قاتمۇقات ئوراپ تۇرغان .
بىر سائەتلىك ئويۇن قويۇشتا ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «جۇلا»، قازاق ئۇسسۇلى «قارا جورغا»، ئۇيغۇر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى « دولان »، تاجىككوللېكتىپ ئۇسسۇلى « قۇياشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر» قاتارلىقلار بار بولۇپ ، ھەممىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت سەھنىلىرىدە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئېسىل نومۇرلاردۇر .






(تامام)