ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئۇسسۇل سەنئىتى ئۆزىگە خاس ئېستېتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇسسۇل − تۇرمۇشتىن تاللاپ ئېلىش، تەشكىللەش ۋە بەدىئىي پىششىقلاپ ئىشلەش نەتىجىسىدە بەدەن ھەرىكىتىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئۇسسۇل سەنئىتى باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنسان مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ مەلۇم ئۇدار، رىتىم ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا بەدەن ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى، ھېسسىيات قاتارلىقلارنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
مۇزىكا − ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان، زامان خاراكتېرىگە ئىگە ھېسسىيات سەنئىتىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇڭا مۇزىكىنى ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلى دەيمىز.
ئۇسسۇل بىلەن مۇزىكىنىڭ باغلىنىشى زىچ بولۇپ، مۇزىكا ئۇسسۇلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان، ئۇسسۇل ئىجادىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇسسۇل − ئادەم بەدىنىنىڭ مۇئەييەن رىتىم (مۇزىكىلىق رىتىم) ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت. مۇزىكا ئاھاڭ قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە مەزمۇنىنى ئىپادىلىسە، ئۇسسۇل بەدەن ھەرىكىتى، ھېسسىيات ئىپادىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇسسۇل بىلەن مۇزىكا ئۆزئارا كىرىشتۈرۈلمىسە ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنىڭ ئۇسلۇبى ھەر خىل بولغىنىدەك، مۇزىكىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل سەھنىدىكى بىر جۈپ ئاچا - سىڭىل گۈللەردۇر. ئۇسسۇلنىڭ ھەرىكەت تىلىنى تېخىمۇ ئېنىق، چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن چوقۇم مۇزىكىدىن پايدىلىنىش كېرەك، ئۇسسۇلدىكى مەزمۇن، ھېسسىيات مۇزىكىلىق رىتىم ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ.(تامام)