ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئۇسسۇل ھەرىكەت ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان سەنئەت بولۇپ، ئۇسسۇل مۇئەييەن ھېسسىيات، نەپىس، شوخ، لەرزان ھەرىكەت ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۇسسۇلنىڭ ھېسسىياتنى ئىپادىلەش شەكلى باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېسسىيات بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىقئىپادىلىنىدۇ. ئۇسسۇلدىكى ھېسسىيات لىرىك ھەم رومانتىك بولۇپ، كۆرۈرمەنلەر ئۇسسۇلچى ئىپادىلەۋاتقان ھېسسىيات بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۇسسۇلدىكى گۈزەللىكتىن تولۇق ھۇزۇرلىنىدۇ.
ھېسسىياتنى ئىپادىلەش – ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئادەم ھېسسىياتنى ئوخشاشمىغان ئۇسسۇل ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇلدا ھېسسىياتنى ئىپادىلەش مىمىكىلىق ھەرىكەت، باش، كۆكرەك ۋە يوتا سىلكىنىش، بەلنى تولغاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇسسۇلدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات چىنلىقى، ئاساسەن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئۆزئىپادىسىنى تاپىدۇ:
ھېسسىيات ئادەمنىڭ مەلۇم شەيئى، مەلۇم ھادىسە ھەققىدىكى مۇھەببەت – نەپرىتى، كۆز قارىشى، چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىغان ھېسسىي ۋاسىتە بولۇپ، روشەن ئېنىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇسسۇلدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات ئۇسسۇلچىنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، مەزمۇنى ۋە ئالغا سۈرۈلدىغان ئىدىيەنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇلچى ئالدى بىلەن ئۆزىئوينىماقچى بولغان ئۇسسۇلنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى بىلىشى كېرەك.
ئۇسسۇلچىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشى ئۇسسۇل تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. يەنى ئۇسسۇلچى بىر ئۇسسۇلنى ئورۇنلاشتا ھەر خىل ھېسسىيات ئارقىلىق، بىر – بىرىگە زىت روھىي كەيپىياتنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن: ئۇسسۇلچى بىر ئۇسسۇلدا سېغىنىش، خۇشاللىق،ئۈمىد، تەمتىرەش، خىيال، ئىشەنچ، قەتئىي نىيەت، گۇمان، غەزەپ... قاتارلىق ھېسسىيات داۋالۈغۇشلىرىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇسسۇلچى مۇرەككەپھېسسىيات ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى، شۇنداقلا ھېسسىياتقا باي بولۇشى كېرەك.
ئۇسسۇلچى ئۇسسۇلدا چىن ھېسسىياتى ئارقىلىق ئوبراز ۋە خاسلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئۇسسۇلدا ھەرىكەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ ھەرىكەت ئارقىلىق مەزمۇن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ھەرىكىتىدە خاسلىق يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن: يۇرتىمىزنىڭ بۇددىزم سەنئىتى دەۋرىدىكى ئۇسسۇللىرىدا ھەر بىر ھەرىكەت، جۈملىدىن ھەر بىر قول ھەرىكىتى شەكىللىرى خاس مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار. شۇڭا، ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇللىرى، كلاسسىك ئۇسسۇللار ۋە چەت ئەل ئۇسسۇللىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇسسۇللىرىمىزغا ماس كېلىدىغان ئىلغار، ئاكتىپ تەرەپلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇسسۇلنىڭ مىللىي خاسلىقىغا، زامانىۋىلىقىغا ئىگە قىلىپ، بېيىتىش كېرەك.