ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ناخشا-ئۇسۇللار >>
ئۇسسۇل
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:518  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    ئۇيغۇر خەلقى ناخشا – ئۇسسۇلغا ئامراق خەلق. ئۇلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ باي، رەڭدار ئەدەبىيات – سەنئىتىنى شۇنداقلا ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل تارىخىنى ياراتتى.

    ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ شەكلى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    سەنەم: بۇ ئۇسسۇل شەكلى ناھايىتى سالماق قىياپەتتە، كۆز، قاش بىلەن ئىما – ئىشارەتلەر ئارقىلىق بىر – بىرىگە بولغان ئىناقلىق، مۇھەببەت ئاشنالىقى، ئىخلاس – ساداقەتنى ئىپادىلەپ ئوينىلىدۇ. بۇ سەنەملەر خوتەن سەنىمى، قەشقەر سەنىمى، كۇچا سەنىمى، قۇمۇل سەنىمى، كورلا سەنىمى، قاغىلىق سەنىمى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

    نازىركۇم ئۇسسۇلى: بۇ نازۇكلۇق بىلەن مەردانىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسسۇل بولۇپ، بۇ ئۇسسۇل ناخشىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئوينىلىدۇ. نازىركۇمھەجۋىي نازىركۇم، نىقاپلىق نازىركومدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەجۋىلەشتۈرۈش، مەسخىرىۋازلىق، قىزىقارلىق، كۈلكىلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    گۈل لەيلى ئۇسسۇلى: بۇ ئۇسسۇل ‹‹گۈل لەۋ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ‹‹لەۋ گۈللەر›› دېمەكتۇر. بۇ ئۇسسۇل ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ ئوينىلىدىغان، ئاياللار كۆپرەك ئوينايدىغان ئۇسسۇل شەكلىدۇر. بۇنىڭدا مۇھەببەتكە تەلپۈنۈش، ۋىسالغا يېتىشنى ئارمان قىلىش مەزمۇن قىلىنىدۇ.

    ناغرا ئۇسسۇلى: بۇ ئۇسسۇل ھېيتلاردا ئوينىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل بولۇپ، كاناي – سۇنايلارنىڭ جور بولۇشى ئارقىلىق كوللېكتىپ ئوينىلىدۇ. خۇشاللىق – شادلىق بايان قىلىنغاچقا، ‹‹شادىيانە ئۇسسۇلى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئوينىلىپ كېلىۋاتقان دولان ئۇسسۇلى (دولان سەنىمى) ساما ئۇسسۇلى، پىر ئۇسسۇلى، چىراغ ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، قۇش ئۇسسۇلى، تاقلىما ئۇسسۇل، لىگەن ئۇسسۇلى، ئوغلاق ئۇسسۇلى، سەيلى ئۇسسۇلى، ئاتەش ئۇسسۇلى، بايكا ئۇسسۇلى، توي (گۈلخان) ئۇسسۇلى، ئاتەش ئۇسسۇلى، چىنە – تەخسە ئۇسسۇلى، نىم پەدە ئۇسسۇلى، بوۋىلا ئۇسسۇلى، شاخ – شاخ چىنار ئۇسسۇلى، جەڭ، ئوۋ ئۇسسۇلى شۇنداقلا ئىلىنىڭ ‹‹گۈلجاي مەشرىپى››، قۇمۇلنىڭ ‹‹ كۆك مەشرىپى››، كۇچانىڭ ‹‹نەغمىلىك ئولتۇرۇشى››، ‹‹خوتەننىڭ ‹‹چىلىملىك ئولتۇرۇشى››، يەكەننىڭ ‹‹ئەر – ئاياللارنىڭ قوشاق مەشرىپى››، قاغىلىقنىڭ ‹‹قىز – يىگىتلەر مەشرىپى››، ‹‹كاچۇك مەشرىپى››، ‹‹ياغلىق تاشلاش ئۇسسۇلى›› قاتارلىق خىلمۇ خىل نەپىس ئۇسسۇللارمۇ بار.

    ئۇسسۇلدىكى ھەرىكەت خۇددى ئەدەبىياتتىكى سۆزگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇسسۇلدىكى ‹‹سۆز›› ھەرىكەتلەر ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس روھىي دۇنياسى، تۇرمۇشى، قىياپىتى ۋە مىللىي خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇل ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتىنى، ئىدېئولوگىيىسىنى، دىنىي ئېتىقادىنى، خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    ھازىر بىر قىسىم ئۇسسۇلچىلىرىمىز ۋە ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرىمىز تۇرمۇشقا ھەقىقىي يېقىن تېمىلاردىن يىراقلىشىپ، بەزى قۇرۇق خىيالىي چۈشەنچىلەرنىلا ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىۋالدى. بەزىلەر ئۇسسۇل ئويناش ئۈچۈنلا ئۇسسۇل ئوينايدۇ ياكى ھەرىكەت ئىجرا قىلىدۇ.

    ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق ئادەم ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نەپس ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، مانا بۇ ئۇسسۇلنىڭ گۈزەللىكىدۇر.

    ئۇسسۇل قانداقتۇر داپ رىتىمىگە ياكى مۇزىكا رىتىمىگە ئەگىشىپ، پۇت – قولىنى كەلتۈرۈپ بىر ئاھاڭدىن ئىككىنچى پەدىگە يۆتكىلىپ يۈرىدىغان ئادەملەرنىڭ مىدىرلىشىدىن ئىبارەت بولغان ئاددىي ھەرىكەت ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، دىنىي – ئېتىقادىنى، ئۆتمۈشىنى، ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە چوڭقۇر مەزمۇن، باي شەكىلگە ئىگە. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇسسۇل خەلقىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تۇرمۇشىنى، تارىخىنى، تەجرىبىلىرىنى ھەرىكەت ئارقىلىق تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىمىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/sanat_769.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号