ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بىر قىسىم ئارتىسلار ئاقساقمارال يېزىسىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىدىن مۇقام ئۆگەنمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹ئالتۇن توغراق مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى »غا ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ، ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈپ ، خەلق سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان دولان مەشرەپ مۇقاملىرى ، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى قېزىش ، رەتلەش ۋە ئۆگىنىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى .(تامام)