ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ناخشا-ئۇسۇللار >>
ناخشا سەنئىتى ھەققىدە
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:958  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    ناخشا سەنئىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى بىلەن ماس قەدەملىك سەنئەت. ناخشا ئېيتىش جەريانى مۇئەييەن مۇھىتتا ئادا قىلىنىدۇ. شۇڭا ناخشىچى ناخشا ئېيتقاندا ئەينى سورۇن مۇھىتىنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى كېرەك.

    ھەرىكەت ۋە قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. سەھنىدىكى ياكى سورۇندىكى قىياپەت ۋە ھەرىكەتلەر ئىزچىل تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدۇ. سەنئەتكارنىڭ گۈزەللىككە يات ھەرىكەت ۋە قىياپەتلىرى زوقلانغۇچىلار قەلبىدىكى سېھرىي كۈچنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قىياپەت ۋە ھەرىكەتلەر گۈزەللىكپىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇشى كېرەك. بەزى ناخشىچىلىرىمىز سەھنە ۋە سورۇنلارغا كىرىپ – چىقىشتا ۋە ناخشا ئېيتىشتا بۇلارغا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ، بىر قانچە ھەرىكەت شەكلى ۋە قىياپەت شەكلىنى مەزمۇنى ئوخشاشمايدىغان ناخشىلاردا تەكرارلاۋېرىدۇ. بەزىلەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ناخشىدىكى مۇھىم مىسرالار ياكى ئەۋجلەرگە كەلگەندە يېقىمسىز چىرقىراپ، تۈگۈلۈپ، غەيرىي تۈسلەرنى ئىپادىلەيدۇ. نەتىجىدە تاماشىبىنلاردىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك باھاغا ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك، سەنئەتكار جەزمەن ئۆزىنىڭ سەھنە ۋە سورۇندىكى ھەرىكەت ۋە قىياپەتلىرى، مىمىكىسى، ئېيتىدىغان ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئالدىن ئويلىشىپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

    سەھنە – سورۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. سەھنە ياكى سورۇن ناخشا ئېيتقۇچىنىڭ پائالىيەت مەيدانى. ئادەتتە، شۇنچە كەڭ سەھنىنىڭ بىرلا نۇقتىسىدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرۇۋېلىپ ‹‹ئىشى››نى تاماملايدىغان ياكى سېرك ئارتىسىدەك پۈتۈن سەھنىدە چېپىپ يۈرۈپ ››ۋەزىپە‹‹ ئادا قىلىدىغان ناخشىچىلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. سەنئەتتە بەلگىلەنگەن رامكا ۋە ياكى مۇتلەق قېلىپ يوق. ئەمما سەنئەتنىڭ بىردىنبىر ۋە ئاداققى رامكىسى گۈزەللىكتۇر. شۇڭا سەھنە – سورۇندىن ئىبارەت كەڭلىكتە سەنئەت كۆركىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    ئېيتماقچى بولغان ناخشىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىش بەكمۇ مۇھىم. سەھنە – سورۇنلاردا ناخشا ئېيتقاندا، شۇ سورۇندىكى مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ ياش – قۇرامى، جىنسى ۋە ئورتاق ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە لايىق ناخشىلارنى ئېيتىش كېرەك. ناۋادا ياشانغانلار بار سورۇندا ‹‹ئون سەككىز ياشىم›› دەپ توۋلىساق، مېنىڭچە كەيپىيات ۋە ئۈنۈمگە تەسىر يېتىدۇ.

    ئېيتماقچى بولغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بەزى ناخشىچىلىرىمىز ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن پىششىق ۋە چوڭقۇر تونۇشمايلا ئاۋازىنىڭ ئۈنۈمىگە تايىنىپ ناخشا ئېيتىدۇ. بىلىش كېرەككى، ناخشا نوقۇل ئاۋاز ھادىسىسى ئەمەس، بەلكى تېكىست، مۇھىت، تاماشىبىن، تەڭكەش قىلىنغۇچى كۈي قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلۈكىدۇر. شۇڭا ئېيتماقچى بولغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئىگىلىشى ۋە بۇ ئەسەردىكى ھېسسىيات – پۇراقنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا ئايلاندۇرۇش ناخشا ئېيتىشسەنئىتىدىكى ئەقەللىي، شۇنداقلا ئاساسىي تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/sanat_1320.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号