ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ناخشا-ئۇسۇللار >>
مۇزىكا سېزىمى ۋە ئورۇنلاش ماھارىتى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:414  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    كىشىلەرنىڭ مۇزىكا سېزىمى مۇزىكىنى ھېس قىلىپ، مۇزىكىنىڭ كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلىيالايدىغان سېھرىي كۈچىدىن بەھرىلىنىش بولۇپ، مۇزىكا رېئال تۇرمۇشنى ئۆزىگە خاس مۇزىكىلىق تىل، مۇزىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئالاھىدە ئېستېتىك سەنئەت. ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان مۇزىكىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى ئوتتۇرا ئەسىردە گۈللىنىپ، ئىلگىرى – ئاخىر كۆپلىگەن ئاھاڭ، ناخشا، مۇقام ئىجاد قىلىنىپ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.

    مۇزىكا گۈزەللىكى رېئال تۇرمۇش گۈزەللىكىنىڭ مۇزىكىدىكى بەدىئىي ئىنكاسىدۇر. مۇزىكىدىن زوقلىنىشمۇزىكا ئەسەرلىرىدىن ئېستېتىك زوق ئېلىشنى ئوبيېكت قىلغان، ئاڭلاش ۋە باشقا قوشۇمچە ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىرات ئالىدىغان ۋە ھېس قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق روھىي خۇشاللىققا ئېرىشىدىغان بىر خىل ئىچكى پائالىيەت. ئۆزگىچە خاسلىق، كۈچلۈك بەدىئىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان مۇزىكىلار قىزغىن ھېسسىياتقا، يۇقىرىماھارەتكە ئىگە مۇزىكانتلار تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدۇ. مۇزىكا ئورۇندىغۇچىدىن مۇزىكىغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى بولۇش، ئەتراپلىق ئورۇنداش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش، ھەر كۈنلۈك مەشىققە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئىجاد قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇزىكا ئورۇنداش كىشىلەر قەلبىدىكى نازۇك ھېسسىياتنى، يېقىشلىق كۈيلەرنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. مۇزىكانتنىڭئورۇنلىغان ھەر بىر كۈيى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت شەيئى بولماستىن، بەلكى، سۇبيېكتىپلىقى كۈچلۈك، ئاڭ، ھېسسىيات، تۇيغۇ تۈرىدىكى بىر قاتار ئاھاڭنىڭ يىغىندىسى. مۇزىكىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ۋە بىرلىكى بولغان رىتىم ۋە ئۇدار كىشىلەرنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىپ، مەنىۋى دۇنياسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، مۇزىكىلىق سېزىم ئارقىلىق ھېس قىلىش مۇزىكا ئورۇنلىغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. مۇزىكانتلارنىڭ دەسلەپكى تەربىيەلىنىشى ماھىيەتلىك بولسا، ئورۇنلاش جەھەتتە نوتىلارنىڭ ھەر بىر ئۇدار ئۆزگىرىشلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، توختىماي ئىزدىنىش، مەشىق ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېقىملىق كۈيلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ. مۇزىكىدىن زوقلىنىش مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش جەريانى بولۇپ، بۇجەرياندا ھەر بىر بۆلەك، ھەر بىر باسقۇچتىكى ھېسسىيات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىدا مۇناسىپ ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىنكاس مۇزىكا ئاڭلىغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنى،سەرگۈزەشتىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، كۆرگىنى، ئاڭلىغىنى قانچە كۆپبولسا، چۈشىنىشى، مۇزىكىدىن ئىلھام ئېلىشى شۇنچىكى ئاسان ۋە تېز بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ مۇزىكا ئورۇنلىشىدا مۇزىكىلىق سېزىم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/sanat_1318.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号