سەككىز يىل، 99 قەدەم
ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ناخشا-ئۇسۇللار >>
سەككىز يىل، 99 قەدەم
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:879  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە مۇجەسسىمى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇش، نامايان بولۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشىدىكى جانلىق سورۇنى. مانا شۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ جۇلاسى بولغان، خەلقىمىز ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ۋە كۆرىدىغان مەشرىپىمىزنى ئېكران ئارقىلىق ئاممىغا قايتىدىن تونۇتۇۋاتقان ۋە شۇ يولدا كېچە – كۈندۈز جاپا چېكىپ ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ بارلىق خادىملىرى يېقىندا بۇ پىروگراممىنىڭ 100 – سانىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن، ‹‹پارلاق›› مېھمانسارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان كارخانىچىلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە مەشرەپ پىروگراممىسنىڭ سادىق كۆرۈرمەنلىرى بۇ سورۇنغا داخىل بولدى.

    سۆھبەت دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختار بۇغرانىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى:

    ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى،مەشرەپ قەدرىنى بىلگۈچىلەر ھەم مەشرىپىمىزنىڭ خەلقىمىز بىلەن ئىزچىل يۈز كۆرۈشۈپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىشىدىكى سەۋەبكارلار، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۈچ چىقارغان كارخانىلار، ئورۇنلار ئاممىغا كۆڭۈللۈك مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، مەشرەپ گۈل چېيىنىتالىشىپ ئېلىپ، بىزنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ شاد ئەتكۈچىلەر، بىز سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.

    سورۇن ئەھلى قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. مۇختار بۇغرا مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ 100 – قەدىمىنى قانداق بېسىش توغرىسىدا سۆز ئېچىلىشتىن بۇرۇن مەشرەپنىڭ تارىخى ۋە تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىكى مۇساپىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

    مەشرەپ ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، تەنتەربىيە ماھارىتى، دارۋازلىق، سېرك، سېھىرگەرلىك قاتارلىق بەدىئىي شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئەھلى – ئاۋام، ئەل – جامائەتنى تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدىكى ھۈنەر – سەنئەت، ئەخلاق –پەزىلەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدىكى بىلىم، چۈشەنچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچراشتۇرىدىغان كاتتا ئىجتىمائىي مۇنبەر. بۇنىڭدىن سەككىز يىل مۇقەددەم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى تەسىس قىلىپ، خەلق ئىچىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى سەنئىتىمىزنى زامانىۋى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. سەككىز يىلدىن بۇيان، بۇ پىروگرامما مىللىي روھتىن، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىن چەتنىمىگەن ئاساستازامانىۋى سەھنىنىڭ خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، بازارلار بىلەن ھەم خۇسۇسىي كارخانا، شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشىپ، 99 قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى، يەنىمەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن تىزىلغان 99 تال گۈلنى كۆڭۈل سوۋغىسىقىلىپ سۇندى. بۇ 99 تال گۈل ئوخشىمىغان پۇرىقى بىلەن ئۆزگىچە خۇش ھىدلارنى ئەتراپقا تارقىتىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئوتلۇق ھېسسىياتى ۋە تەلپۈنۈشلىرىگە جور بولۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلىرى ئىچىدە كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ھەممە كىشى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان پىروگرامما بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرىپىنىڭ ب د تئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تارمىقىغا يوللانغاندىن كېيىن، ئىنسانىيەتنىڭ قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى99 قەدەمنى سالماق بېسىپ كەلگەن مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بالا››غا زور غايىۋى كۈچ ۋە مەدەت بولدى. مانا بۇ ‹‹بالا›› 100 – قەدىمىنى بېسىش ئالدىدا كۆپچىلىك ئالدىغا مەسلىھەت سوراپ كەلدى.

    مەشرەپ قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، دېدى پىروفېسسور، شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەشرەپ سورۇنلىرى بارغانسېرى تۈگەۋاتقان، ئۇيۇشتۇرىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاۋاتقان پەيتتە بۇ پائالىيەتنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا چىقىرىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. مەشرەپنىڭبالىلارنى، ياشلارنى، تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدىغان رولىنى جارى قىلدۇردى. تېلېۋىزور ئېكرانى بۇرۇنقى مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغان مەھەللىلەردەك، باغ – ھويلىلاردەك كەڭ بولمىسىمۇ، مەشرەپ بۇرۇنقىدەك نەچچە كېچە – كۈندۈز ئۆتكۈزۈلمىسىمۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلىك ۋاقىت، چەكلىك سورۇندا خەلق ئىچىدىكى مەشرەپكە تەئەللۇق قائىدە – يوسۇنلارنى، مىرشاپ، پاششاپ دېگەندەك پېرسوناژلارنى ئاساسەن ساقلاپ قالدى، مەشرەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈردى.

    — سەككىز يىلدىن بۇيان، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى 99 قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى ھەم ب د ت تەرىپىدىنمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، بۇ مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، – دېدى كومپوزىتور ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى ئارقىدىنلا.

    ئاتاقلىق رەسسام، جامائەت ئەربابى غازى ئەھمەد، ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۆرپ – ئادەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ساۋۇت قاتارلىق ئۇستازلار مەشرەپ پىروگراممىسى سەھنەمەشرىپى بولۇپ قالمىسا، رىياسەتچى سۆزىنىڭبەدىئىيلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، خەلق سەنئەتكارلىرىمىزغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت كۆپرەك بېرىلسە، ۋاقىت مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا، دېگەندەك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇستازلار بىلەن مەشرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ – كۇشادە مۇڭداشتى.

    ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى ئادىلە ئابلىز: بۈگۈن ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەر بېرىلدى. بىز بۇ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قانىتى بولغان مەشرەپنى مەزمۇنى ساغلام، مېلودىيەسى يارقىن، خەلققە تېخىمۇ يېقىن، بەدىئىيلىكى يۇقىرى قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىمىز. پات يېقىندا ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىمىزنىڭ 100 – سانىنى نورۇز بايرىمى ۋە ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز، مەشرەپ خەلقنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، روھىغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان، مەنىۋى ئېھتىياجىغا ئوزۇق بېرەلەيدىغان پائالىيەت. ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قوللىشىدا تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ جەلپكار بولۇپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ زور مەنىۋى ئوزۇق بەخش ئەتكۈسى، – دېدى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/sanat_1317.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号