ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> ناخشا-ئۇسۇللار >>
مۇزىكا سەنئىتى ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:913  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

   مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭيۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. تارىختىن بۇيان ئىجاد قىلىنغان نادىر مۇزىكىلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىممىتىنى يوقاتماي كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، غايە – ئارزۇلىرى، ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئىنتىلىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىدە. مۇزىكا ئېستېتىك سەنئەت بولۇپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق ئىلمىگە ئوخشاش تۇرمۇشنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنىڭ ئاۋازلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ، مۇزىكا كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلاپ، كىشىلەردە ئالىيجاناب ئەخلاقى پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ساغلام روھى كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.

    مۇزىكا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولغان ئاھاڭ سەنئىتى. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ تەپەككۇر، مۇزىكىشۇناسئەل فارابى: ‹‹مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭى ئىنسان روھىغا مەنىۋى ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر››، دېگەن.

    مۇزىكا ئاۋاز سەنئىتى بولۇپ، تاۋۇش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. مۇزىكىدىكى يارىتىلغان ئوبراز رېئاللىقتىكى ئاۋازنىڭ نوقۇل تەقلىدى بولماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ رېئاللىقتىن ئالغان تەسىراتى ۋە ھېسسىياتىنىڭ تەبىئەتتىكى ئاۋازلار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە پىششىقلاپ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ناماياندىدۇر. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى كىشىلەردەيېقىملىق تەسىرات پەيدا قىلىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، خۇشاللاندۇرۇش ھەم زوقلاندۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇش، ھەسرەتلەندۈرۈشتەك نازۇك تۇيغۇلار ئارقىلىق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. چالغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى، ھېسسىياتى، تونۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بىر ئەسەرنى ئورۇنلاش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئاڭلىغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان تەسىر بېرىدۇ.

    مېلودىيە مۇزىكىنىڭ جېنىدۇر. مۇزىكىنىڭ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشى گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، ھېكايە... لەردىكىدەك پېرسوناژ ۋە ۋەقەلىكنى ئەكس ئەتتۈرەلمىسىمۇ، كومپوزىتور (ئىجادىيەتچى) كىشىلەرگە تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى ئارزۇ ئىستەك، گۈزەل ھېس – تۇيغۇ، مېلودىيە ئارقىلىق، كىشىلەردە ئېستېتىك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.

    مۇزىكا كومپوزىتورنىڭ جاپالىق ئەجىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كومپوزىتور ھېستۇيغۇسىنى بەلگىلىك رىتىم، مېلودىيە ئارقىلىق جانلىق، ئوبرازلىق، سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كومپوزىتور ھېسسىياتقا باي بولغاندىلا، كىشىلەرگە تەسىر قىلغۇدەك گۈزەلمېلودىيەنى ھۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

    ئوخشاش بىر نەرسىنى ئالىملار ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن مۇلاھىزە قىلسا، پەلسەپەچىلەر ئىدىيە بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، مۇزىكانتلار قەلبى ئارقىلىق ھېس قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ قىممىتى ئىجادىيەتتە بولۇپ، ياخشى بىر مۇزىكا ئەسىرى ئۆزىنىڭ چەكسىز ھاياتى كۈچى، يۇقىرى مەنىۋى قىممىتى بىلەن دەۋردىن – دەۋرگە، زېمىندىن – زېمىنغا ئۇلىشىپ بارلىق سەنئەت شەيدالىرى قەلبىگە ئەڭ پاكىز، ئېستېتىك تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ.

    سەنئەتكار لاياقەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئىنتىلىشچان بولسا، ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلىرىمۇ سەر خىل بولۇپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى، مۇزىكانت ئۆز قەلبىنى پاك تۇتۇپ، تۇيغۇلىرىنى قەدىرلىگەندىلا، نادىر كۈيلەرنى ئورۇنلاپ،ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/sanat_1314.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号