ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
ئالما شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى باش ھوقوق يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدارى سېتىۋىن جوبىز
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:138  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

سىتوۋ جوبىس 1955-يىلى 24-فېۋرال تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش تۇغۇلىشىدىنلا يىتىم ئىدى. ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغان ئۆز ئاتا-ئانىسى ستېۋ جوبېسنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ھىسابلاپ باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، تەربىيە ئاتىسى جوبېس ستېۋېننى 18 ياشقا كىرگۈزۈپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ستېۋ جوبېس لاما دىنىدىكىلەرنىڭ بۇتخانىسىدا تاماق يەپ يىللارنى ئۆتكۈزگەن.
ستېۋېن جوبېس 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورىگن شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۇملا ئوقۇغانىدى. 1974-يىلى ئۇ بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنىنى لاھىيلەيدىغان خىزمەتكە ئىگە بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبىس 26 ياشلىق ۋودنىئاك بىلەن بىللە بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنى قۇرۇشتەك ناھايىتى مۈشكۈل لېكىن ئۇلۇغۋار قەدىمىنى باستى. 1985-يىلىغا كەلگەندە ئۇ زۇڭتۇڭ رىگان تەرىپىدىن بېرىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشتى. 1996-يىلى، ئالما شىركىتى ئۇنى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. 1997-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە جوبىس يەنە قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى. 1997-يىلى ‹دەۋر ژۇرنىلى› نىڭ مۇقاۋىسىغا جوبىسنىڭ كېلىشكەن قامىتى بېسىلدى. 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل نوپوزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق CEOبولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار ئەربابى بولۇپ سايلاندى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جوبىس باش ئىجرائىيە ھەيئەتلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىدى. جوبېس لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. 4 پەرزەنتى بولسىمۇ ئىدىيەدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئەمەس ئىدى. ستېۋ جوبېسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مال مۈلكى ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوبىس كومپىيۇتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئاتاقلىق زات شۇنداقلا ئالما كومپىيۇتېرى، ipad 、iPod、iTunes Store、iPhoneقاتارلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچىىسى!

1977-يىلى ئۇ Watts بىلەن بىرلىكتە <<ئالما>> ماركىسىنى دۇنياغا كەلتۈرۈپ، شەخسىي كومپيۇتېر پىلتىسىغا ئوت ياقتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. ئىشلار تەرەققىي ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، ئۇ مۇدىرىيەت يېغىنى تەرىپىدىن قوغلانغاندىن قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىپ، دىۋانىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈشكىمۇ مەجبۇر بولدى. جوبس تىن ئايرىلغان ئالما بىر يېقىلىپلا ئەسلىگە كېلەلمىدى. 1996-يىلى ئالما شىركىتىنىڭ تارتقان زېيىنى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالى زاۋاللىققا يۈزلىنەي دەپ قالدى. مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق مەزگىللەردە، جان تالىشىۋاتقان جوبس بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، قايتىدىن ئالما شىركىتىدە ئىشقا چۈشتى

1996-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، پۈتۈن يەر شاردىكى كومپيۇتېر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى <<ئالما Next نى سېتىۋالدى، جوبس ئالمىغان قايتتى>> دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. شۇ ۋاقىتتا، جوبس ئۆزى تۇنجى ئەۋلاد كومپيۇتېر كارتون فىلىمى <<ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى>> نى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەيدانغا كەلتۈرۈپ، شىركەتكە 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئادەتتە، ناھايىتى ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى ئانچە-مۇنچە بوزەك قىلىپ قويىدىغان جوبس شىركەت ھالاكەت جىلغىسىدا جان تالىشىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئادەتتىن كەمتەرلىكىنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئالمىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:<<مەن شۇ ۋاقىتتىلا، ئالىمىغا بولغان ھېسسىياتىم ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن شۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتا ئالمىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇرۇلۇش پىلانى لايىھىلىدىم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى زور شەرەپ ھېس قىلىمەن>>. ئەلۋەتتە، بۇ ئېغىزىنىڭ ئۇچدىلا دەپ قويغان تەكەللۇپ سۆزى ئەمەس، جوبس قايتىدىن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئۆزگىرىشلەرگە قوماندانلىق قىلدى

ئۇ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپلا، بىرىنچى بولۇپ مۇدىرىيەت يېغىنىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئاغرىنىش ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يېڭىچە روھ بىلەن ئالمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىشقا باشلىدى.

1998-يىلى ئالما شىركىتى iMac نى بازارغا سالدى، بۇ يېڭى تىپتىكى كومپيۇتېر كەلگۈسىدىكى iMac ئۇقۇمى ئەينى ناھايىتى قىزغىن بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، 1999-يىلى ئالما شىركىتى ئىككىنچى ئەۋلاد iMac نى بازارغا سالدى. ئىككىنچى ئەۋلاد iMac قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل رەڭلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىدى. 1999-يىلى 7-ئايدا، خۇددى ناھايىتى چىرايلىق ئويۇنچۇققا ئوخشايدىغان خاتىرە كومپيۇتېر iBook دۇنياغا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەھسۇلات بازاردا ناھايىتى كۆپ مىقداردا سېتىلدى ھەمدە <<ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ئەڭ ياقتۇرغان قۇلايلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات سېتىلىش دەرىجىسى>> دە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

Jobs نىڭ ئىسلاھاتى دەرھاللا ئۈنۈم بەردى. ئۇ ئەمدىلا رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان چاغدا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئالما شىركىتى ئارىدىن بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەي 3 مىليارد 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق پايدا ياراتقانىدى

بەزىلەر جوبسنى Ernest Hemingway (ئۇ دۇنيا تارىخىدا كەم-كەمدىن ئۇچرايدىغان يازغۇچى بولۇپ، ئۇ <<گاڭگىرىغان ئەۋلاد>> بىلەن مەشھۇر) ئۇ ئامېرىكا روھىنىڭ ۋەكىلى. بۇنداق قاراشتا ئازراقمۇ خاتالىق يوق، چۈنكى ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر دەۋرىنى ياراتقانىدى، جوبس مۇ ئۆزىنىڭ بىر دەۋرىنى ياراتتى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، جوبس ئىلگىرىكىگە ھېچ ئوخشىمايدىغان بىر يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىنى ياراتتى ۋە بۇ دەۋرىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققۇچى بولدى.

بىرىنچى ئەۋلاد iPod 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىندى ھەمدە iTunes باشقۇرۇش ماسلاشتۇرۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا تېخى دۇنيادا بۇنىڭغا سېلىشتۇرغۇدەك ئىلغار لايىھە يوق ئىدى.2003-يىلى، iTunes لىنىيىدىكى مۇزىكا دۇكانلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، ئىككى يىلدىن ۋېدىئو تەمىنلەشكە باشلىدى. 2008-يىلىغا كەلگەندە iTunes ناھايىتى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن Wal-Mart تىن ئېشىپ كېتىپ، يەرشارىدىكى بىرىنچى چوڭ مۇزىكا پارچە سېتىش دۇكىنىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ كەسىپ، مۇزىكا كەسپى جەزمەن يۈزلىنىشى كېرەك بولغان ئاقىلانە نىشان بولۇپ قالدى

ئەگەر iPod بىلەن iTunes پىلاستنكا بىلەن مۇزىكا كەسپىىنى ئۆزگەرتىتى، دېيىلسە، ئۇنداقتا، يەنە بەش يىلدىن كېيىن جوبس يۈرەكلىك ھالدا iPhone غا تايىنىپ، تېلگىراف كەسىپلىرىگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

iPhone ئېلان قىنغاندىن كېيىن، كەڭ ئېستىمالچىلارنىڭ ئەقىلىي ئىقتدارلىق يانفۇنلارغا بولغان تەلپۈنىشىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئەلۋەتتە، ھازىر يانفۇن ساھەسىدە ئات چاپتۇرۇۋاتقان Nokia، Motorola ۋە RIM قاتارلىقلارنىڭ قىلغانلىرى پەقەت ئالما شىركىتىنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ قېلىشتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئاللىبۇرۇن يېڭى بىر دەرىنىڭ PC گە ئايلىنىپ بولدى، بۇ ساھەدە ئاينى ۋاقىتتىكى مىكروسوفىتمۇ بۈگۈنكى ئالمىغا ئايلىنىۋتىد

بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ، Ipad توختاۋسىز ھالدا دۇنيا IT ساھەسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. جوبس بىلەن ئالما مۇشۇنداق بىر تۈر، ئۇلار مەڭگۈ يېڭىلىق يارىتىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئادەتتىكىچە يولدا ماڭمايدۇ ھەم ھازىرقى ئورنىدىن ئادەتتىكىلەر قاتارىغىمۇ ئۆتۈپ قالمايدۇ، ئۇلار ھامان يېڭى دەۋرنى مايدانغا كەلتۈرىدۇ. مەنIT ساھەسىنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، ئەمما كۆپ نەرسىلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىم ئۈچۈن، ھامان ئالما شىركىتىنىڭ تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى، باشقا كۈن چۈشكەندە قانداق لايىھە بىلەن ئەمەلىيەتكە قايتىشنى ھېس قىلىشىنى قولدىن بېرىپ قويمىدىم. مەن دائىم ئويلايمەن، IT ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنى سانىساڭ ئېشەك تۈكىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممىسى ساھەدە دەرىجىسىمۇ ئوخشىمىغان ھالدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردۇر، ئەمما بۇ ساھەدە ھەقىقەتەن كۆزگە كۆرۈنگەن، بىردەك دۇنيانىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشكەن ئەربابلار تولىمۇ ئاز. جوبىس ھەقىقەتەنمۇ IT ساھەسىدە <<گىگانىت>> دەپ تەرىپلىنىشكە مۇناسىپ ئادەم. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى شۇكى، ئۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بىر پۇتى يوق قۇشتىن بىرنى تەربىيىلىمەي قالدى. جوبىس شىركەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ، شىركەت باياناتچىسى شىركەتتىكى ھەممە ئىشلارنىڭ يەنىلا جايىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن، جوبس بولمىغان ئالمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۇزۇن ئۆتمەي دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان بولىدۇ

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_369.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号