ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمھالى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:150  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ،خۇش -پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى.شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى.شۇڭا ، جالالىدىن بەھرام :"مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن....." دەيدۇ. 
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى <روشەن> باشلانغۇچ مەكتىپىدە،1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.<رەسىم كۇرژۇكى>،<ئەدەبىيات كۇرژۇكى> قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ،مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ،1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى.1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۇ ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى. 
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتنەشقاندىن كېيىن،1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى.1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ... 
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پا ئالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغاان . لېكىن،1966-يىلى <مەدەنىيەت ئىنقىلابى >باشلىنىش بىلەنلا،ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۇرۇپ يازغان <ئۇنتۇلغان قەلب> ،<كۈتمىگەن تەقدىر>،<ئۆمۇر خاتىرىلىرى> قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن.<مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا،ئۈششۇك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمۆرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ ،بۇ ناھىيىدىكى <ئەلنامە>،<يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى>ۋە <قوشكۆل> لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.
دەرت - ئەلەم ،ئازاپ -ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۇننى باشتىن كەچۇرگەن جالالىدىن بەھرام <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ > ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،1978-يىلى <نەشتەر>تەخەللۇسى بىلەن ،خوتەن گېزىتىدە <كوچىدا>،<ئانىنىڭ ئامراقلىقى> ....ناملىق ساتېرىك ھېكايە ،ئوچىرىكلارنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىكەندىن باشقا،گېزىت يۈزىدە ئوبزور-ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى...
جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى<يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى.ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن <ھارۋېكەش>، <يېتىمە>،<بەش يۇز يۈئەنلىك چاقچاق>ئايگۈزەل>،<تويدا>،<مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم>،<ئانا مېھرى>،<ئېقىندىكى ياپراق>،<ئاخىرقى تىنىقتا>.......قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، <قاباھەتلىك چۈش>،<ئادەم پارچىسى>،<قامغاق >،.<تەنھا يۇرەكلەر>،<قۇددرەتلىك ئىلاھ>،<دانۇر تاغا>......قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە <لېيغان بۇلاق > <مېھرىگىياھ>،<ناتىۋانلار>،<كۆمۇر ساتقۇچى بالا> ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان.....

جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى،تالانتلىق رەسسامدۇر.ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ،جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.
ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_364.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号