ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 28-چسلا تامپادا ماسساچۇتىس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مىت رومنېينى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا رەسمىي سايلىدى، ئۇ بۇ يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەزكۇر پارتىيەگە ۋاكالىتەن ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
شۇ كۈنىدىكى بېلەت تاشلاشتا رومنىي 2286 ئومومىي بېلەت سانى ئىچىدىن 2061 بېلەتكە ئېرىشكەن ، ئەسلىدە پەقەت 1144 بېلەتكە ئېرىشسىلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشەلەيتى

تولۇق ئىسمى ۋىليارد مىت رۇمنىي (Willard Mitt Romney) بولۇپ ئامرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتىنىڭ دېترويىت شەھىرىدە 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى گېئورگى W رومنىيمۇ ئۇتۇق قازانغان سودىگەر بولۇپ كىيىن ئۇ سودىدىن قول ئۈزۈپ سىياسەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان،ئىلگىرى مىچىگان شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان ، 1998-يىللىق زوڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچى ئەزاسىغا ئايلانغان ، نىكسون ئامرىكىنىڭ زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە ئىچكىي كابىنىت ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. رومنىينىڭ ئاپىسىمۇ ئىلگىرى مىچىگان شىتاتىنىڭ فىدراتسىيە كىڭەش پالاتاسى ئەزاسى سايلىمىغا تاللانغان ، گەرچە دەسلەپكى تاللاشتىن ئۇتۇقلۇق تاللانغان بولسىمۇ ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇب بولغان.
رومنىينىڭ ئاتا-ئانىسى مورمون دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ رومنىيمۇ مورمون دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.رومنىي تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋىلىيام مارىي ئىنىستىتوتىغا تاللىنالمىغان ، كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇتاخ شىتاتىدىكى مورمون دىنىدىكىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان BrighamYoung ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇپ سىتانفۇرد ئۇنۋىرىستىتىدا بىلىم ئاشۇرغاندىن كىيىن ئاخىرىدا خارۋارد ئۇنۋىرىستىتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتى ۋە قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ MBA ۋە قانۇن پەنلىرى دوكتورئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.ئوقۇشى تاماملانغاندىن كىيىن ئۇ بايىن(Bain) سودا مەسلىھەت شىركىتىدە ئىشلىگەن. ئالتە يىلدىن كىيىن ئۇ قۇرۇق قول ھالدا “بايىن كاپىتال”(Bain Capital) مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى قۇرغان.ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك پۇل-مۇئامىلە تالانتىغا تايىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مىليارد دوللارلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىچىغا ئايلانغان. 2002-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى رومنىي ماسساچۇسېتس شتاتىغا شىتات باشلىقى بولغان.