ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
داڭلىق ئىنجېنېرۋە فىزىكشۇناس رەيھان بەكتۇر
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:128  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)، ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 18 يېشىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە شۇ يەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارىسىدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىق ئوقۇپ، 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كۆرسىتىلىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسسېرتاتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئامېرىكىنىڭ كلېمسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتىر ئىنجېنېرلىقى كەسپىگە دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپىي تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ، 2005-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتى بۇۋىلدىر (ولورودا بوئۇلدەر) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمىي بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گوئوگلەدىن ئىزدىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۈلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىق خەۋىرى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن. 

ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تىلغا ئېلىپ پەخرلەنگۈدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخرلىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر يېرى، رەيھانگۈلنىڭ يۇتا (ئۇتاھ) شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە قويۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكالاۋرلىق ئوقۇشىنى چىڭخۇئادا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى باكالاۋر ۋە ماگىستېرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.


رەيھانگۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (ئىنتەرناتىئونال فەستىۋا)دا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ (چىنەسە ستۇدەنت ئاسسوىئاتىئون) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى كۆرگەزمىسى ( ئۇيغۇر فاشىئون شوۋ) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتېرىيالىنىڭ باش بېتىگە قويۇلۇپ تارقىتىلغان.


رەيھانگۈل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن موتورولا شىركىتىگە رف ئىنجېنېرى بولۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ياردەمچى پروفېسسور (ئاسسىستانت پروفەسسور) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا لوگانگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.


دوكتور رەيھانگۈلنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت ئىلمى (ئەلەتروماگنەتىس)، ئانتېننا (ئانتەنناس)، مىكرو دولقۇنلۇق توك يولى لايىھىلەش(مىروۋاۋە ىرۇئىت دەسىگن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكۇلتېتتا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ( ئەلەتروماگنەتىس)، مىكرو دولقۇن ( مىروۋاۋە) قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىربىر دوكتور ئاسپىرانت، بىر ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنىڭ تەربىيىسىدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتور ئاسپرانت قوبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى توغرا كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا ، رەيھانگۈلنىڭ بەكمۇ قوبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېيتقان.


رەيھانگۈل يەنە ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۈرگەن كۈچلۈك كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:


1. مېڭە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بولۇشى كېرەك (پەرسون نەئەدس تو بە پھيسىاللي ئاتىۋە تو كەئەپ ھىس ئور ھەر مىند ئاتىۋە).


2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئۈمىد. ئەگەر سىز ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدلىك بولۇپ، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى بىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۈمىدلىك بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.


يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۈلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دېگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دېگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول دېگەن مەنىلەردە. رەيھانگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_359.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号