ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
داڭلىق رىياسەتچى شەمسىيە ئەبەيدۇللا توغرىسىدا
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:241  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:


شەمسىيە ئەبەيدۇللا 1979 – يىلى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بىر مەرىپەتپەرۋەر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 14 – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقىغان. 2003 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئۇدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئىلغار سىنىپ كادىرى»، «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»، «ئىجادىيەت مۇكاپاتى». دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، شياۋداۋكاڭيۈ ئوقۇش مۇكاپاتى...غا ئېرىشكەن، 2002 – يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى» شەرىپىگە، 2000 – يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ياش پىدائىي» شەرپىگە، 2003 – يىلى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي شەرپى_ «4 – ماي ئوقۇش مۇكاپاتى» (مۇكاپات سوممىسى ئون مىڭ يۈەن) غا ۋە «جيەنخاۋ لوڭقىسى»غا ئېرىشكەن. ئالىي مەكتەپتە ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى، فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە ئىنىستېتوتى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكالىتەن تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجىن، گۇاڭجۇ، خەينەن، جۇخەي، شىئەن، لەنجۇ... قاتارلىق جايلارغا بېرىپ،ھەر خىل يىغىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە شىنجاڭ ستودىنتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلغان

شەمسىيە ئەبەيدۇللا يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقاندا، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى ئېغىر ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئىككى قېتىم «مېھىرلىك قەلبلەر ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئەبەيدۇللا تۇردى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، دىلنار ئابدۇللا، تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان، ئەسقەر رېقىپ، مەۋلان نىياز، ئەكبەر قەھرىمان، پولات تۇرسۇن قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر سەنئەتكارلارنىڭ ۋە مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتلىك كارخانىچىلارنىڭ خالىس ياردىمىدە، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، فىلولوگىيە ئىىستېوتىدا تۇنجى بولۇپ «ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى» تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ستودىنتنىڭ غەيرەت – جاسارىتى ۋە مېھرى – مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ پائالىيىتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

2003 – يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا خىزمەتكە چۈشتى. خىزمەتكە چىققاندىن بويان، ئۇ يەنىلا مەكتەپتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ بۇ جەرياندا «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» (بۇرۇنقى ئالتۇن كۆزنەك) پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، «مائارىپ گۈلزارى» (ھازىرقى پەن – مائارىپ)، «پەن – تېخنىكا دۇنياسى»، «مۇنبەت تۇپراق»، «كۆڭۈلدىكى سۆز» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ پىلانلاش، مۇخبىرلىق قىلىش، ئاپتورلۇق، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلەپ، رەھبەرلىك ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئۇ خىزمەت قاتناشقاندىن بويان، «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» پروگراممىسى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى نادىر رادىئو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا ئۇ «بىرىنچى دەرىجىلىك رىياسەتچى» مۇكاپاتىغا، ئۇ مۇخبىرلىق، ئاپتورلۇق، كىرىشتۈرۈش ۋە رىيەسەتچىلىك ۋەزىپىلىرىنى بىراق ئۈستىگە ئالغان «كىنوچىنىڭ ھېكايىسى» فىلىمى ئىجتىمائىي تەربىيە تۈرىدىكى پروگراممىلار بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2007 – يىلى جۇڭگو «ئالتۇن مىكروفۇن» يۈرۈشلۈك باھالاش پائالىيىتىدە «مېھرى – مۇھەببەت تارقاتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۇ ئىشلىگەن بىر يۈرۈش تەسىرلىك فىلىملەر كەڭ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ تيۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. 
ئۇ ئىدارىدىمۇ «ئىلغار خىزمەتچى»، «ئىلغار ئىتتىپاق خىزمەتچىسى» شەرەپلىرىگە ئېرىشىپ تىرىشىپ ئىشلىمەكتە. 
ئۇ ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋىرسال قانىلى ( XJTV_2 ) «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» «كۆڭۈلدىكى سۆز»پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، 2- قانال ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.

ئىسىم - فامىلىسى : شەمسىيە ئەبەيدۇللا 
مەدىنىيەت سەۋىيسى : تۇللۇق كۇرۇس 
قان تىپى :A 
ئېگىزلىكى : 1.65 
ئېغىرلىقى : 50kg 
ياخشى كۆردىغان ئىشى : ناخشا ئېيتىش ، كىتاپ ئوقۇش ، ئۇسۇل ئويناش ، رىياسەتچىلىك 
ياخشى كۆردىغان رەڭ : قارا رەڭ ، كۈلرەڭ رەڭ. 
ياخشى كۆردىغان رىياسەتچى : ۋاڭ شىياۋيا ، مۇنىرە غۇپۇر 
پۆتتۈرگەن مەكتىپى : شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئۇيغۇرتىلى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى. 
خىزمەت ئورنى:شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئونىۋىرسال قانىلى « ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»«كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_357.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号