ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، قەمەردىللا دولقۇن
ئەبەيدۇللا مۇھەممەد بۇلتۇر دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئۆزىنىڭ مەملىكەت بويىچە 2008 – يىلى جۇڭخۇا سەنئىتى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ‹‹جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىدا يېڭىلىق ياراتقان شەخس›› ۋە ‹‹جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى مەشھۇر سەنئەتكار›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى، بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم بۇ شان – شەرەپنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىككىلا كىشىگە نېسىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغانلىقىدىن نەچچە كېچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۇزاق يىللىق سەنئەت ھاياتى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ پېنسيۇنېرى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رەسسام، ۋىلايەتلىك رەسساملىق – خەتتاتلىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا نامى بار رەسسام، ھەيكەلتىراش ئەبەيدۇللا مۇھەممەد 1945 – يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى مۇھەممەد ناپىر ئاتاقلىق قوشاقچى ۋە ئەلنەغمىچى ئىدى. بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئائىلە مۇھىتى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىلىمگە ۋە سەنئەتكە قىزىقىش ھېسسىياتىنى قوزغىغانىدى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا گۈزەل سەنئەت كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ، بېرىلىپ ئۆگەندى ۋە مەشىق قىلدى. 1959 – يىلى سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ رەسساملىق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. 1960 – يىلى دادىسى مۇھەممەد ناپىر مەملىكەتلىك 3 – نۆۋەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، بېيجىڭغا يىغىنغا بېرىپ قايتىشىدا ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى، يازغان شېئىرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ‹‹ئوغلۇم سەن رەسساملىقنى تىرىشىپ ئۆگەنگىن، چۈنكى مىللىتىمىزدە رەسساملار بەك ئاز، بۇ كەسىپ مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئېچىلماي كېلىۋاتقان بىباھا گۆھەر. شۇڭا سەن بۇ كەسىپنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىڭ كېرەك›› دەپ نەسىھەت قىلدى.
ئەبەيدۇللا مۇھەممەد ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، 1963 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە يەكەن ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، بىر نەچچە يىل رەسىم، مۇزىكا، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولدى، رەسساملىق بويىچە بىر نەچچە قارار كۇرۇژۇك ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل – سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيىلىدى، ئۆزى كەسىپتە ناھايىتى تەلەپچان بولغاچقا، باشقا رەسساملارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگەندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1979 – يىلى ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن بىلەن بىللە يەكەن، مەكىت ناھىيىلىرىدە بىر نەچچە ئاي بىللە رەسىم سىزىش ۋە تۇرمۇش ئۆگىنىش جەريانىدا سىزغان ‹‹ئارتىس قىز›› ناملىق رەسىمى ئاز سانلىق مىللەتلەر رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى ھەم بۇ ئەسەر توغرىلىق ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئوبزور ئېلان قىلىنىپ، ئالاھىدە باھا بېرىلدى. 1985 – يىلى بۇ ئەسەر ‹‹شىنجاڭ ياش رەسساملارنىڭ تاللانغان ئەسەرلىرى››ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. ئەبەيدۇللا مۇھەممەد 1982 – يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىغا يۆتكىلىپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيى قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچىسىدىكى تاش بازىرىدا ئىدى. ئۇ بۇ تار كوچىدا نەچچە يۈزلىگەن تۈگمەن تېشىنىڭ رەت – رەت تىزىلىپ تۇرغانلىقىنى، يىراق – يېقىندىن كەلگەن خېرىدارلارنىڭ تۈگمەن تاشلىرىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇ رېئاللىقتىكى دەل مۇشۇنداق كىچىك كارتىنىدىن ماھىيەتلىك تۇرمۇش دېتاللىرىنى بايقاپ، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى جاسارىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىر پارچە ئەسەر ئىجاد قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى ھەم ئالدى بىلەن بۇ بازارغا ئېلىپ كېلىنىدىغان تۈگمەن تاشلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرۈش، تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، 1984 – يىلى يازدا يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئەڭ يىراق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىزيەر يېزىسىدىكى تاش كانغا بېرىپ، ئون كۈندىن كۆپرەك تۇرمۇش ئۆگەندى، نەق مەيداندىكى پائالىيەتلەردىن نۇرغۇن تېز سىزمىلارنى قالدۇرۇپ، قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ قايتىپ كېلىپ، ‹‹تاشچى›› ناملىق ماي بوياق رەسىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1984 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ياخشى›› رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى ھەم 1985 – يىلى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىنىڭ ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

ئەبەيدۇللا مۇھەممەد پۈتۈن زېھنىنى ئىجادىيەت، تەتقىقات ئىشلىرىغا قارىتىپ، قەشقەر كونىشەھەر، يوپۇرغا، يەكەن، پەيزاۋات ناھىيىلىرى، ھەتتا ئىلى، ئالتايغىچە بېرىپ، 80 پارچىدىن ئارتۇق مەنزىرە ۋە پورتېرىت رەسىمى سىزىپ، كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن خام ماتېرىيال توپلىدى. ئۇ يەنە دەشت ئاتا مىڭئۆي غارلىرى، تۇرپان قۇچۇ ۋە يارغۇل قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتىدىن چۈشىنىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر رەسساملىق تارىخىغا ئائىت ئەتراپلىق نەزەرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شۇ نەزەرىيىۋى بىلىملىرى ئاساسىدا سىزىپ چىققان ‹‹سەھەر››، ‹‹كۆڭۈلدە سان بار››، ‹‹تېۋىپ››، ‹‹بازارنىڭ بىر بۇرجىكىدە››، ‹‹كۇلالچى››، ‹‹ئالتاي قېيىنزارلىقى››، ‹‹ھېيتكاھ جامەسى››، ‹‹ياش ئايال›› قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە قويۇلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹‹ھېيتكاھ جامەسى›› ناملىق رەسىمى 1985 – يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرغان رەسىم – ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى ھەم ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقتا نەشىر قىلىنغان رەسىملەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەرجىمىھالى بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى. ‹‹بازارنىڭ بىر بۇرجىكىدە›› ناملىق ئەسىرى شىنجاڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى قاتارىدا 1988 – يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئاۋمېندا، 1989 – يىلى بېيجىڭدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەتلىك يىپەك يولى گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى. ‹‹تېۋىپ››، ‹‹ھېيتگاھ تەسىراتى›› ناملىق ئىككى پارچە رەسىمىنى جۇڭگو – ياپونىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەشھۇر يىغىپ ساقلىغۇچى جىڭ جياۋ ئەپەندى سېتىۋېلىپ، ياپونىيىگە ئېلىپ كەتتى. ‹‹زەرەپشاندا ئالتۇن چايقاش›› ناملىق ماي بوياق رەسىمى 1989 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ سەنئەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى.
ئەبەيدۇللا مۇھەممەدنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن باشقا، تىپ ۋە ژانېرى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن مۇقاۋا ۋە قىستۇرما رەسىملىرى، نۇرغۇن ماقالىسى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەخسۇس تېمىلاردا سىزغان 600 پارچىدىن ئارتۇق چاتما ۋە قىستۇرما رەسىمى، 40 پارچىدىن ئارتۇق مۇقاۋا لايىھىسى مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلاردا بېسىلغان كىتابلاردا ئېلان قىلىندى. ‹‹پېشقەدەم نەققاش مەمتىمىن نامان›› ناملىق زىيارەت خاتىرىسى، ‹‹گۈزەل – سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى يېڭى نامايەندە››، ‹‹ئىزدىنىش يولىدا يېتىلگەن تالانت››، ‹‹دېھقان رەسسامنىڭ ئۇنۋان ئېلىشى›› قاتارلىق ماقالىلىرى مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىندى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. بەش پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاقسۇدا ئاچقان نەزەرىيە تەتقىقات يىغىنى، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىلى مەكىت ناھىيىسىدە، 1991 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئاچقان سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلدى ھەم مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىندى.

ئەبەيدۇللا مۇھەممەد 1983 – يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى – ئاخىر قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلدى، 1991 – يىلى ۋىلايەت بويىچە سەنئەت تۆھپىكارلىرى شەرىپى بىلەن 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1993 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3 – دەرىجىلىك ‹‹مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى›› مۇكاپاتىغا، 1994 – يىلى 10 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە مەكىت ناھىيىسىدە ئېچىلغان دولان مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتاپ ياسىغان ‹‹كىچىك ئاماننىسا›› ھەيكىلى يىغىن ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئىجاد قىلغان ۋەكىل خاراكتېرلىك 60 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسىرى، 400 پارچىدىن ئارتۇق قىستۇرما رەسىمى، 60 نەچچە پارچە كىتاب مۇقاۋىسى ۋە بىر تۈركۈم ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرىنى تۇنجى قېتىم 1995 – يىلى 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە قەشقەردە، 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە قىلدى. قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ئەسەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكارلار، زىيالىيلار، رەھبەرلەر ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى ۋە ئۇلارغا چوڭقۇر مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى.
ئەبەيدۇللا مۇھەممەد يەنە 1994 – يىلىدىن بۇيان ھەيكەلتىراشلىق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ‹‹زەرەپشاندا مۇقام ناۋاسى››، ‹‹دولان مەشرىپى›› قاتارلىق 20 گۇرۇپپىغا يېقىن دالا ھەيكەللىرىنى تارىغاندىن باشقا، ‹‹مەھمۇد قەشقىرى››، ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ››، ‹‹مۇقام ئۇستازى ئاماننىسىخان››، ‹‹تۇردى ئاخۇن››، ‹‹شائىر تەجەللى›› قاتارلىق ئالىملار، تارىخىي شەخسلەر ھەم كۈرەش قەھرىمانى ‹‹ئىسمائىل مۇھەممەد››، خەلقنى سۆيۈش ئۈلگىسى ‹‹قادىر ھېزىم››، مۇنەۋۋەر مۇرەسسە خادىمى ‹‹ئوسمان قادىر››، ‹‹ماجيەنجۈن››، ‹‹سېرجان››، ‹‹ۋۇدېڭيۈن››، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى مەشھۇر كىشىلەردىن ئادىل ھوشۇر قاتارلىقلارنىڭ 22 گۇرۇپپا ھەيكىلىنى تاراپ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە قىلىپ، ئۇيغۇر ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك تۆھپىلىرىگە ئاساسەن 1996 – يىلى 4 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا تۈرلۈك كۇرسلارنى ئېچىش ۋە شاگرىت تەربىيىلەش ئارقىلىق نۇرغۇن شاگرىت يېتىشتۈردى، ئۆزى بەش يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىجاد قىلدى، نۇرغۇن ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ۋىلايەتلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. 2005 – يىلى ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىدى. قەشقەر ھېيتگاھ خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى ئۇنى يېقىندىن قوللاپ، ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى ساندۇق بازىرىدىن 20 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى بىر ئورۇننى ھەقسىز ئاجرىتىپ بەردى، ئەبەيدۇللا مۇھەممەد بۇ ئورۇندا قەشقەر ئوبرازى رەسىم كارىدورى تەسىس قىلىپ، نەچچە يىلدىن بۇيان ئىجاد قىلغان 50 پارچىدىن ئارتۇق گۈزەل – سەنئەت ئەسىرىنى قويۇپ، بىر تەرەپتىن مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 30 دىن ئارتۇق رەسىم ھەۋەسكارىنى تەربىيىلىمەكتە .

