ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:60  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

        شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 – يىلى، غازى ئەمەت  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، ‹‹ چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى›› بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 – يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان ‹‹غېرىپ – سەنەم›› ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز – يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

   

مەھمۇد قەشقىرى

       رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ‹‹ ئاماننىساخان››، ‹‹ مەھمۇد قەشقىرى›› ، ‹‹ رابىيە -- سەئىدىن››  ۋە ‹‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.

 

‹‹مۇقام ›› ناملىق ماي بوياق رەسىم

      1984 – يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل، جۇڭگو تارىخىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرلىگەن 10 يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە،  شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئاسمان – زېمىن ئۆزگۈرۈش بولدى. غازى ئەمەت ئەپەندى سەنئەتكارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن، دەۋىرگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ‹‹ مۇقام›› ، ‹‹ مال بازىرى››، ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ، ‹‹ قەشقەر كوچىسى›› ، ‹‹ كۆل بويىدىكى مۇزىكا ئاۋازى›› ، ‹‹ گىلەم . ئۇيغۇرلار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەنزىرە، ئۆرپ ئادەت ، شەخسلەر تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئەسەرلەردە شەخس مەركەز قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىكلارنىڭ مەردانە خاراكتىرى، قەيسەر روھى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەرلەردە دەۋىر بىلەن تۇرمۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، رىئال تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلار ياكى تارىخى تۇرمۇشتىكى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ئاساس قىلىنغان. مۇقام سەنئېتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى، ئۇ خەلق چالغۇلىرى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. مۇقام ناملىق ماي بوياق رەسىمدە شەخس ئوبرازى كۆپ، چالغۇ تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، قويۇق سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئەستايىدىل كۈزىتىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى، كۆپلىگەن شەخس ئوبرازىنى خاتىرىلەش، خام ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق، مۇقام ناملىق بۇ ئەسەر ئاخىرى جۇڭگو شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلدى.

   ‹‹ئوغلاق تارتىشىش›› ، ‹‹ پامىر بۈركۈتى›› قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى ماھارىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قۇرۇلمىسى بارلىق مەنزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوغلاق تارتىشىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ بارلىق ھالقىلىرى ئەسەردە گەۋدىلەنگەن. ‹‹ پامىر بۈركۈتى›› ناملىق ئەسەردە تاجىك مىللىتىنىڭ قوتاز مىنىش ماھارىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قىسمەن كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان، بۇ ئەسەردە دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاجىك مىللىتىنىڭ قورقماس، ئىگىلمەس، قەيسىرانە كۆرەش قىلىش روھى تەسۋىرلەنگەن. ‹‹ قەشقەر كوچىسى›› ۋە ‹‹گېلەم ››. ‹‹ ئۇيغۇرلار›› ناملىق ئەسەرلەردە بولسا كۈندۈلۈك تۇرمۇش ناھايىتى تەبىئى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرلەردىن غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى، سەنئەتكە بولغان چوڭقۇر تەلپۈنىشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

 

 

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_293.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号