ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
ئارمىيە ئېلى نىمشىھىت(1906-1972)
 يوللىغۇچى:佚名  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:21  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ىمشېھىت – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق شائىر،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى.ئۇ لېرىك شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنى تېما، مەزمۇن جەھەتتىن بېيىتىشقا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بەدەئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۇسلۇبىغا بولغان ئىجادىي ۋارىسلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى يېڭى دەۋردە يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغانلىقى،ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى يۇقۇرى پەللىنى ياراتقانلىقى بىلەن؛ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانى ئارقىلىق شەرق ئەللىرى ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى تېما -پەرھاد-شېرىن تېمىسىنى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە باغلاپ،بۇ تېمىدا غايەت زور يېڭىلىق ياراتقانلىقى،شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيەت-سەنئەت تارخىدىكى بىباھا گۆھەر ھېساپلىنىدىغان قىزىل مىڭ ئۆيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇنجى بولۇپ ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرگەنلىكى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزدا پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئارمىيا ئىلى، ئۇ دەسلەپكى مەگىللەردە ئۆزىنىڭ نامىنى ئەدەبى تەخەللۇس قىلغاچقا، ئارمىيە ئىلى سايرامى دەپمۇ ئاتالغان. 1933 – يىلىدىكى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭدا ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن بولسا «نىمشېھىت» دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىنى قوللانغان. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىت 1906 – يىلى باي ناھىيسىنىڭ سايرام يېزىسدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.دەسلەپكى خەت ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان. 1922- يىلىدىن 1930- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ باي ۋە كۇچا ناھىيلىرىدىكى مەرسىلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەش مەقسىتىدە، شۇ چاغلارغىچە يۇرتىمىز مەدەنىيەت مائارىپنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرگە بېرىپ، مەشھۇر «خانلىق مەدرىسە» سىگە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ يەردە ئۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، ئەدەبىي ئىجادىيتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جامائەت ئىچىدە تېزلا تونۇلۇشقا باشلىغان. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1933- يىلى نىمشېھىت ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. شۇ يىلى قەشقەردە قەشقەر خەلقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا، ۋەتەننى پارچىلاشقا، ئىچىكى قالايمىقانچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق قوراللىق كۆرەش بولغاندا، نىمشېھىتمۇ شۇ كۆرەشكە قاتنىشىپ، دۈشمەن قولىدا ئېغىر يارىلاندى. گەرچە شائىرنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق خەۋپ ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىللىك جىددى داۋالاش ئارقىلىق ئۇ ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، ئەمما،سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن قەشقەردىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي، بايغا قايتىپ كېلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.1936- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا، نىمشېھىت شۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە يۆتكىلىپ كېلىنگەن. شائىرنىڭ مۇشۇ چاغدىن باشلىنىپ 1945- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ئاقسۇدىكى ھاياتى ناھايتى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكەن.نىمشېھىت 1945- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇيرۇق بويىچە ئاقسۇدىن غۇلجىغا قايتقان مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە غۇلجىغا باردى. شۇنىڭدىن تارتىپ شائىرنىڭ غۇلجىدىكى جەڭگىۋار ھاياتى باشلانغان. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن نىمشېھىت ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1952- يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە خەلقىنىڭ 1- قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيغا قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ داۋاملىق تۈردە ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىينىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلدى. 1956- يىلى جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى تەشكىللىگەن ھەج قىلغۇچىلار ئۆمىكى تەركىبىدە ھەج پائالىيتىگە قاتناشتى ۋە چەتئەللەردە دوستانە زىيارەتلەردە بولدى. 1957- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيغا قاتنىشىپ، بىرلەشمىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىدى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت نىمشېھىت ھاياتىغا نىسپەتەن ئېيىتقاندا تولىمۇ كۆڭۈلسىز بىر مەزگىل بولدى. سولچىل ئىدىينىڭ ۋە مەدەنىيەت زور ئىقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن نىمشېھىت خىزمىتىدىن توختىتىلىپ، باي ناھىيسىگە قايتۇرۇلدى. جازا ھېسانىدىكى ئېغىر ئەمگەك ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شائىرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، 1972- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىت ئەدەبىي ئىجادىيەتكە نىسپەتەن بالدۇر كىرىشكەن ھازىرقى زامان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 20- يىللاردا باي، كۇچا مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ يۈرگەن مەگىللىرىدىلا خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن ھەر خىل تېمىلاردا بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازدى. مۇشۇ شېئىرلار ئاساسىدا 1930- يىلى «بازار ۋە مازار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تۈزدى. 30- يىللارنىڭ باشلىرىدا قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئوقۇۋاتقان مەگىللىرىدە يازغان شېئىرلىرى ئاساسىدا «مادارا ئەزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تۈزدى. شائىر قەشقەردە يەنە «ئەنۋارۇل ھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشق قەسىدىسىنى يازدى. شائىرنىڭ بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان تۇنجى شېئىرى يەنىلا 1933- يىلى قەشقەردە يازغان «ئۆمۈر خاتىرەمدىن» ناملىق شېئىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ ئىجادىيىتى تۆۋەندىكىدەك ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
(1) ئاقسۇدىكى ئىجادىيىتى. شائىرنىڭ ئاقسۇدىكى ئىجادىيتى تەخمىنەن 10 يىللىق ئىجادىيەت بولۇپ، 1936- يىلدىن 1945- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىجادىيتىنى كۆرسىتىدۇ. شائىر بۇ باسقۇچتا «بىلىم ئىشقىدا»، «بۈيۈك جۇڭگۇ»، «قىزىم يىغلىماڭ»، «ئوقۇغىلى كەتكەن ئىنىمغا خەت» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى شېئىرلارنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىجادىيتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر«مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنى يېزىپ، گېزىتتە ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بۇ داستاننىڭ شۇ مەزگىللەتدىكى تەسىرى ناھايتى چوڭ بولدى. نىمشېھىت بۇ يىللاردا يەنە دراما ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئاساسدا «لەيلى- مەجنۇن» ئوپراسىنى يازدى، ئارقىدىنلا «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» داستانىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە كىرىشتى. ئەمما سالامەتلىكى يار بەرمەي، بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيتىدە ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر قانچە مۇھىم تېما بار. ئىلم- مەرىيەت تېمىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شائىر «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرىدا دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىلىم- مەرىپەتنىڭ مەڭگۈلۈك قىممىتىنى، خاسىيتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شۇ دەۋر كىشىلىرىنى ئىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىشكەبىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ «قىزىم يىغلىماڭ !...» دېگەن شېئرىدا كونا دۇنيانىڭ ۋە فېئوداللىق ئىديىلەرنىڭ ئاسارىتىدە قالغان قىزچاقنى بىلىم ئارقىلىق، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىپ ،ھوقۇقنى ،ئورنىنى تېپىشقا ئلھاملاندۇرغان بولسا،«ئوقۇغىلى كەتكەن ئىنىمغا خەت»دېگەن شېئرىدا ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن ئىنىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئارزۇ تىلەكلەردە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.ئاشۇ دەۋىر رېئاللىقىدا شائىرنىڭ مەرىپەت ئىدىيىسىنى كۈچلۈك ۋە ئىزچىل ئىپادىلىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئگە ئىدى. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ باسقۇچتانىمشىھىت يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىمۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئرلارنى يازغان.«باي ناھىيىسىنىڭ ھەسىرەتلىك ساداسى » ناملىق شېئر يېزىلغان 1942-يىلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىل ئىدى . شائىر ھەقىقى بىر ۋەتەنپەرۋەر سۈپىتىدە ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،مەزكۇر شېئرىدا تاجاۋۇزچىلارغا بولغان چەكسىز غەزەپ- نەپىرىتىنى ئىپادىلەپ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھان بەرگەن ،شۇنداقلا غەلبىگە بولغان چەكسىز ئۈمۈدۋارلىقىنى ئىپادىلىگەندى. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
(2) غولجىدىكى ئىجادىيىتى .نىمشىھىتنىڭ غۇلجىدىكى ئىجادىيىتى 1945-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1950-يىلغىچەبولغان ئارىلىقتىكى تەخمىنەن بەش يىللىق ئىجادىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شائىرنىڭ بۇ باسقۇچتىكى . ئىجادىيىتى خېلى ھۇسۇللۇق بولدى. ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئىجتىمائى مەزمۇنغا موللۇقىنى، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بايلىقىنى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلدى. نىمشېھىت بۇ باسقۇچتا «ئىلىمگە ئىلھام»، «ئاسارەتتە تۇرۇپ قالغانلاغا خىتاپ»، «ئالدىدا»، «جىنايەتتىن شىكايەت»، «ۋەتەن مۇھەببىتى»، «خاتا»، «غەلەت»، «غەزەل»، «سەپەدىكى يارىمغا»، قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ، كۈرەشچان يىللارنىڭ جەڭگىۋار شائىرىغا ئايلاندى. ئاشۇ يىللاردا غۇلجىغا ھازىرقى زاماندىكى بىر تۈركۈم مەشھۇر شائىر- يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، ئەدەبىي ھايات ناھايتى جانلىق- جۇشقۇن ئىدى. بۇنداق ئەدەبىي ھايات نىمشېھىت ئىجادىيتىگىمۇ ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ يەردە «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» ناملىق داستانىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ، زۇنۇن قادىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئايرىم كىتابچە قىلىپ باستۇرۇپ تارقاتتى. ئارقىدىنلا «لەيلى- مەجنۇن»، «پەرھاد شېرىن» ئوپېرالىرىنى قايتىدىن سەھنىلەشتۈردى. بۇلاردىن باشقا، يەنە بىرمۇنچە ئەدەبىي ماقالىلەرنى يېزىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كۆپ تەرەپلىمە ۋە خېلى يۇقىرى سەۋىيەلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ غۇلجىدا يازغان شېئىرلىرىدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش روھىغا ئىلھام بېرىش، ئۇلارنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى، قەيسەر- قەھرىمانلىقنى مەدھىيلەش، ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئازاد- ئەركىن ھاياتقا تەنتەنە قىلىش، تېخىچە گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قېلىپ، زۇلۇمدىن، ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىغا ئېچىنىش، كۈرەش قىلىش روھىنى قوزغاش، ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلاش، خەلققە زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى تەنقىد قىلىش... قاتارلىقلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىققا، جەمئىيەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە كەڭ دائىردە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ بۇ ھەقتە شېئىرىي پىكىر يۈرگۈزۈشى ئۇنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىجادىيتىنىڭ ئاساسلىق بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تۆھپە ھېسابلىنىدىغان مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى- شەرق ئەللىرنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر پەرھاد- شېرىن تېمىسىغا مۇراجەت قىلىپ، ئۇنى يېڭىچە تەركىب ۋە ئىدىيۋى مەزمۇنلار بىلەن بىيتىپ يېزىپ چىقان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» ناملىق داستانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر داستان شائىرنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ياكى بىز ھازىرغىچە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىغان بىردىنبىر يىرىك ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە قىممىتى ۋە ئەھمىيتى بىلەن يالغۇز نىمشېھىت ئىجادىيتدىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا، پەرھاد-شېرىن تېمىسىدا ئاخىرقى قېتىم داستان يازغان شائىر بەلكىم نىمشېھىت بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەرھاد- شېرىن تېمىسىدا يازغان مەشھۇر «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» ناملىق داستانى 40- يىلللاردا يېزىلغان بولۇپ، ھەجىم جەھەتتىن 1478مىسرادىن تۈزۈلگەن. «پەرھاد»، «شېرىن»، «مىڭ ئۆيلەرنىڭ قېزىلىشى»دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. نىمشېھىتنىڭ بۇ داستاننى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا ئىككى ئاشىق- مەشۇقنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزىش بولمىغاچقا، ئۇ داستان ۋەقەلىكىنى يېڭىلاش ياكى ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى قېتىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن. مەزكۇر داستاننىڭ ئومومىي خاھىشى ۋە شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىن قارىغاندا، نىمشېھىت بۇ داستاندا بىر تەرەپتىن، پەرھاد- شېرىن مۇشۇ يۇرتىنىڭ بالىلىرى، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى مۇشۇ يۇرتتا بولغان، دېگەن قاراشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى مەدەنىيەت- سەنئىتىمىزنىڭ بىباھا خەزىنىسى بولغان قىزىل مىڭ ئۆينى پەرھاد، جۈملىدىن ئەمگەكچان، ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز ياسىغان، دېگەن قاراشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىت بۇ داستاندا، پەرھاد بىلەن شېرىن ھەققىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ۋەقەلىكنى خوتەنگە، شەھرىيارغا، كۈچارغا، قىزىل مىڭ ئۆيىگە ۋە باشقا تارىخى- جۇغراپىيۋاى ئورۇنلارغا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن باغلىغان. نىمشېھىتنىڭ پەرھاد- شېرىن تېمىسىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى دەل مانا مۇشۇ يەردە. نىمشېھىت ئەسەردىكى باش قەھرىمان پەرھادنى خوتەنلىك يىگىت، ئۇيغۇر خانلىقنىڭ شاھزادىسى دەپ، شېرىننى بولسا شەھرىيار مەلىكىسى، دەپ تەسۋىرلىگەن. كەپلەش تېغىنى پەرھاد كېىسىپ، مۇزات ئېقىنىنى ئاچقان، قىزىلدىكى مىڭ ئۆيلەرنىمۇ پەرھاد ياسىغان، دەپ يازغان. پەرھادنىڭ مۇ ئەمگەكلىرى شېرىننىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن قىلىنغان، دەپ ھېكايە قىلنغاچقا، تارىخىي ئىزلار بىلەن مۇھەببەت ھېكايىسى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بىز ھېلىھەم مىڭ ئۆي ئەتراپلىرىدا كۆرەلەيدىغان بىر مۇنچە داڭلىك سەيلىگاھلارنىمۇ ئەسەرگە ئېلىپ كىرگەن. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشىھىتنىڭ پەرھاد- شېرىن تېمىسىغا قوشقان يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى شۇكى، نىمشېھىت پەرھاد شېرىن ھەققىدىكى مۇھەببەت ھىكايىسى بىلەن مىڭ ئۆيلەرنىڭ ياسىلىشىنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكى ۋە داستاندا مىڭ ئۆيلەرنى قىزغىن مەدھىيلىگەنلىكىدىن ئىبارەت. نىمشېھىتنىڭ بۇ داستان ماۋزۇسىغا باشقا داستان ماۋزۇلىرىدىن پەرقلىق ھالدا «مىڭ ئۆي» نى قوشۇشى ھەرگىز سەۋەبسىز ياكى تاسادىبى ئەمەس. مىڭ ئۆيلەرنى يېزىش- شائىرنىڭ بۇ داستاننى يېزىشتىكى ئاساسلىق ئىجادىيەت مۇددىئالىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شائىرنىڭ داستاندىكى ۋەقەلىك مۇشۇ يۇرتتا بولغان، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىشىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتىقاندا، داستاندا مىڭ ئۆيلەرنى يېزىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىتىن ئىبارەت. نىمشېھىت داستاندا مىڭ ئۆيلەرنى پەرھاد ياسىغان دەپ ھېكايە قىلغان. ئەدەبىياتتىن ئاز- تولا خەۋىرى بار كىشىلەرگە مەلۇمكى، داستاندىكى پەرھاد ئەمەلىيەتتە كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ بەدئىي ئومۇملاشتۇرۇلۇشى- ۋەكىلىدىن ئىبارەت. شائىر داستانىدا مىڭ ئۆيلەردىن پەرخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلگەن ھەم مىڭ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىجادكار، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىزنى مەدھىيلەپ: «تارىم بويىدا ياشىغان ئۇلار، مىڭ ئۆينى بۇرۇن ياسىغان شۇلار» دەپ يازغان. مىڭ ئۆيلەر ھەققىدە يېزىش- نىمشېىھت ئىجادىيتىنىڭ قىممەتلىك بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. ئېھتىمال ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مىڭ ئۆيلەر ھەققىدە تۇنجى بولۇپ نىسپەتەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يازغان كىشى نىمشېھىت بولسا كېرەك. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىتنىڭ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» ناملىق بۇ داستانى ئىدىيۋىلىك جەھەتتىن قارىغاندا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە ئىپادىلەنگەن، خەلقچىللىق روھ بىلەن سۇغىرىلغان ئەسەر. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن خەلقچىللىق- نىمشېھىتنىڭ بۇ داستانىدىمۇ ناھايىتى روشەن ئپادىلەنگەن. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، نىمشېھىت ئۆزىنىڭ پەرھاد- شېرىن تېمىسىدىكى ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە يۇرتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيتى- سەنئىتىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئېسىل نەمۇنىسى ھېسابلىنىدىغان مىڭ ئۆيلەرنىڭ قانداق ياسالغانلىقنى چۈشەندۈرگەن. پەرھاد بىلەن شېرىندىن ئىبارەت ئەسەر قەھرىمانلىرىنى يۇرتىمىزنىڭ بالىلىرى، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى مۇشۇ يۇرتتا بولغان، دېگەن قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داستاننىڭ ئاساسىي خاھىشىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە ئىپادىلەنگەن، ئىجادكار، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلغان. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
نىمشېھىت يالغۇز مول ھوسۇللۇق شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شائىر. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا خەلقىمىز قەلبىدىن، ئەدەبىيات ئالىمىدىن پەخىرلىك ئورۇن ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندە نىمشېھىتنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
1. نىمشېھىت ئالدى بىلەن رېئالىزىمچى شائىر. ھەر خىل بەدىئىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تۇرمۇشىنىڭ خىلمۇ- خىل مەنزىرىلىرى ۋە رېئاللىق ئاتا قىلنغان ھەقىقىي ھېسسىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش- نىمشېھىت ئىجادىيتىنىڭ ئالدى بىلەن كۆزگە تاشلىندىغان ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
2.نىمشىھىت-ۋەتەنپەرۋەر شائىر. نىمشىھىت ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ ئاساسلىق باش تېمىسى-ۋەتەنپەرۋەرلىك ئدىيىسى. نىمشىھىت پۈتۈن ئىجادىيىتىنى ۋەتەننى ئۇلۇغلاشقا بېغىشلىغان، بارلىق بەدئىي تالانتى ،بەدئىي ماھارىتى بىلەن ۋەتەننى كۈيلىگەن، دەپ ئېيتىشقابولىدۇ.نىمشىھىت ئىجادىيىتىدەۋەتەنپەرۋەلىك ئىدىيىسى بىر خىل ئىزچىللىق شەكىللەندۈرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا،نىمشىھىت ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق مۇۋاپىقىيىتىمۇئۇمۇمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن شېئرىلاردا تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلەنگەن. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
3. نىمشىھىت يېتۈك تىل ئۇستىسى.تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى نىمشىھىت ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى . نىمشىھىتنىڭ شېئرى تىلى ئۇنىڭ شېئرىيەت ئىجادىيىتىدىكى مۇۋاپىققىيىتىىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بېرى بولۇپ،ھەربىر پارچە مۇنەۋۋەر شېىئرې ئۇنىڭ تىل قوللىنىشىدىكى ماھارىتى ، ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
4.نىمشىھىت ئىجادىيىتىدىكى خارەكتىرلىك بەدئى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يەنە بىرى، ئۇنىڭ بەدئى تەسەۋۇرى، فانتازىيە ۋە مۇبالىغە بايلىقىدا كۆرۈلىدۇ. awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
awkئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئومۇمەن، نىمشېھىت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرتىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققى قىلشى ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇپ قالماستىن، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىز بىلەن بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنى بىر- بىرىگە باغلاشتىمۇ زور ھەسسە قوشقان تالانىتلىق ئەدىب ۋە داڭلىق شائىردۇر.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_212.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号