ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> مەشھۇر شەخسلەر >>
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
 يوللىغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:31  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تەپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇپتۇرپان ناھىيسىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن.

 ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئازادلىقتىن كېيىن، خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، « ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى؛«ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر، قوللىنىلغان بەدىئىي تىل ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر پاساھەتلىك، ھېسايات بىلەن ئوبراز ناھايتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىيەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان غەزەللىرى ھازىرقى زامان غەزەلچىلىكىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە نەسر ئىجادىيىتى » قاتارلىق ئېسىل نەسرلەرنى يازغان.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە رومانچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەڭ تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 -، 30 -، 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازدى. بۇ رومانلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ياخشى تارىخىي رومانلار ھېسابلىنىدۇ.
     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە داڭلىق، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيۋى سىستېمىسى توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1986 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى جۇڭگودا» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن قارشى ئېلىنغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىيچىلىق»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى توغرىسىدا»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق مۇھىم كلاسسىك ئەسەرلەرگە تۆھپە قوشقان.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 «قەشقەر كېچىسى» (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - نەسرلەر توپلىمى، «ئىز» (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئويغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى بار.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر » ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/maxhur_146.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号