ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> قانۇنلار >>
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:73  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    72–نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› 2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2003–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جياڭ زېمىن

    2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

    2002–يىل6–ئاينىڭ29–كۈنى9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان

    2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 72–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان

    2012–يىل 2–ئاينىڭ 29–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25–يىغىنىنىڭ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2–باب پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش

    3–باب پاكىز ئىشلەپچىقىرىش

    4–باب رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

    5–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1–ماددا بۇ قانۇن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، جىسمانىي ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پاكىز ئىشلەپچىقىرىش لايىھەنى ياخشىلاش، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىش، ئىلغار ھۈنەر–تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ، بۇلغىنىشنى مەنبەدىن ئازايتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتتە ۋە مەھسۇلات ئىشلىتىشتە بۇلغىما پەيدا قىلىش ۋە چىقىرىشنى ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئىنسانلار ساغلاملىقىغا ۋە مۇھىتقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ياكى تۈگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

    3–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارماقلار پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەيدۇ، يولغا قويىدۇ.

    4–ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يىللىق پىلانى شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراش، بايلىقتىن پايدىلىنىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايونلارنى ئېچىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش، سانائەت، پەن–تېخنىكا، مالىيە تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرغۇچى تارماق شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

    6–ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىلىم–پەننى تەتقىق قىلىش، تېخنىكا يارىتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشكىللەيدۇ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ.

    دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جامائەتنى پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى، تەربىيەسىگە ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، يولغا قويۇش شۇنىڭدەك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/kanun_480.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号