ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> قانۇنلار >>
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 8-تۈزىتىلمىسى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:519  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

     ئوخشاشلا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 8-تۈزىتىلمىسى»دىكى ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلغانلارنىڭ جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشكە چەك قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە «ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلغانلارنىڭ جازا مۇددىتىنى كېمەيتىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىش تەرتىپىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. ئەدلىيە ئىزاھاتىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: جىنايى ئىشلار قانۇنى 50-ماددىسى 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھەمدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قويۇش ياكى تەشكىللىك زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايەت ئەھۋالى، ھاياتقا خەتەر يەتكۈزۈش دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جازا مۇددىتىنى كېمەيتىشكە چەك قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

    كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

   ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىدا ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى» 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئىمتىھاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆرۈلگەن خادىملارغا قارىتا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرماسلىق بەلگىلەندى.

   بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ساختا ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقا نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن مۇناسىپ گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشكەنلەرگە قارىتا، گۇۋاھنامە تارقاتقۇچى ئورگان گۇۋاھنامىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاپ، گۇۋاھنامىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئىجازەت سالاھىيىتىگە چېتىلغانلارنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ خىلدىكى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باشقا بىر قىسىم ئېغىر ئىنتىزامغا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى، جۈملىدىن ئويدۇرۇپ ياساش، كىنىشكا، ئىسپاتنى ئۆزگەرتىش، ياكى باشقا نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىمتىھان سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر؛ باشقىلارنى ئورنىغا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغانلار؛ ئۆزى ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىمتىھان ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان سوئالى ھەمدە جاۋابىنى تارقاتقانلار؛ ئىمتىھان خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كۆز بويامچىلىق قىلغانلار ياكى تەشكىللىك كۆز بويامچىلىققا قاتناشقانلار؛ خەۋەرلىشىش قورالى، ئېلېكتىرون بۇيۇملار ياكى باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغانلار، تارقاتقانلارنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە مۇشۇ تۈردىكى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

   تاۋار ئۆيلەرنى ساتقاندا باھانى ئېنىق قويۇش، ئىلتىماس قىلىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خالىغانچە باھا ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ

   دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشتا ئېنىق باھا قويۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشتا بىر يۈرۈش ئۆيگە بىر باھا قويۇش يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ۋاكالىتەن يىغىلغان ۋاكالىتەن بېجىرىلگەن ھەقلەر ۋە ئۆي خوجىلىقى مۇلازىمەت ھەقلىرى ئېنىق ئېلان قىلىنىدۇ. تاۋار ئۆي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قويغان باھا سىرتىدا ھەر قانداق ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ھەقلەرنى قوشۇپ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تاۋار ئۆيلەرنى سېتىش باھاسى ئېنىق سىرتقا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا باھا چۈشۈرۈپ ساتسا بولىدۇ. لېكىن باھا ئۆستۈرمەكچى بولسا، چوقۇم قايتىدىن ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەخپىيەتلىك ساقلاش نىزامى» يولغا قويۇلىدۇ

   يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش نىزامى» 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى نىزامدا «دائىرىنى كىچىكلىتىش، سەپنى قىسقارتىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش»تەك مەخپىيەتلىك ئايرىش يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ھەربىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئاساسىي دائىرىسى تەڭشەلدى؛ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش جاۋابكارلار تۈزۈمى ۋە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشنى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش تۈزۈمى كۆپەيتىلدى؛ قىسىملارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مەخپىيەتلىككە چېتىلغان ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، خەلقئارا تور ۋە كۆچمە تېلېفوننى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەخپىيەتلىك ساقلاش تەلەپلىرى كۆپەيتىلدى؛ ئەمىلى خىزمەت ۋە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ مەسئۇلىيىتى ئېنىق، تەڭكەش ماسلاشقان مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەخپىيەتلىك ساقلاش كومىتېتى ھەمدە قىسىملاردىكى خادىملار، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە كەسپىي تارماقلارنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   سەھىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا تاماكا چەكلەش بەلگىلىمىسىنى كۆپەيتتى

    سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش تەپسىلاتى»دا، «ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەش» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

   تەپسىلاتتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاممىۋى سورۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلىش ئاگاھ سۆزلىرى ۋە بەلگىلىرىنى ئېسىپ قويۇشى كېرەك. ئۆي سىرتىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تەسس قىلىنغان تاماكا چېكىش رايونلىرى ئادەم ئۆتىدىغان يولدا بولماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاپتوماتىك تاماكا سېتىش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى سورۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تاماكا چېكىش بەدەنگە زىيانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە تاماكا چەككۈچىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملارنى سەپلىشى كېرەك. تەپسىلاتتا يەنە قانۇن ئىجرا قىلىش ئاساسى گەۋدىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى سورۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، جازا سالمىقى زورايتىلدى. تەپسىلاتتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاممىۋى سورۇن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يۈز بەرگەن ئاممىۋى سالامەتلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەلىرىگە قارىتا، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانماي، خەتەرنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ياكى يوشۇرسا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلسا، يالغان مەلۇم قىلسا، 5 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا قارىتا، قانۇن بويىچە ئىشتىن توختاپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، ھەتتا تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/kanun_473.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号