ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> قانۇنلار >>
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:690  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى

    1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 40 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

   1-  باب ئومۇمىي پرىنسىپ

   1- ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

   2 - ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە قانۇنىي مال - مۈلكىنى قوغداش، جامائەت مال - مۈلكىنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە جازالاش.

   خەلق ساقچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تۈرمە باشقۇرۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشنى باشقۇرۇش ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى قانۇن ساقچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   3- ماددا خەلق ساقچىلىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىشى، خەلق بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشى، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شەرت.

   4 - ماددا خەلق ساقچىلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت.

   5 - ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

   2-/SPAN>باؿخىزمەت ھوقۇقى

   6- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

   (1) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە تەھقىقلەيدۇ؛

   (2) جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپىگە زىيانلىق قىلمىشلارنى توسىدۇ؛

   (3) قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش تەرتىپىنى ساقلايدۇ، قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛

   (4) ئوت ئۆچۈرۈش - ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، يولغا قويىدۇ، نازارەت قىلىدۇ؛

   (5) قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى باشقۇرىدۇ، تىغلىق ئەسۋابلار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى تىزگىنلەيدۇ؛

   (6) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كەسىپلەرنى باشقۇرىدۇ؛

   (7) دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاھىدە خادىملارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، مۇھىم سورۇنلار ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغدايدۇ؛

   (8) يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىس قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدۇ؛

  (9) نوپۇس، دۆلەت تەۋەلىكى، چېگرىدىن كىرىش - چىقىش ئىشلىرىنى ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە تۇرۇشى، ساياھەت قىلىشىغا دائىر ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/kanun_472.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号