ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> قانۇنلار >>
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:47  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    1987 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1– باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش، تاشقى ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنىسى دۆلەتنىڭ چېگرا ئۆتكىلىدىن كىرىش - چىقىش )تۆۋەندە چېگرىدىن كىرىش - چىقىش دېيىلىدۇ(نى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگىنى. تاموژنا بۇ قانۇنغا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، ماللار، يۈك - تاقلار، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملار ۋە باشقا بۇيۇملار )تۆۋەندە چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، ماللار، بۇيۇملار دېيىلىدۇ(نى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، تاموژنا بېجى ۋە باشقا باج، ھەق ئالىدۇ، ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇتىدۇ ھەمدە تاموژنا ستاتىستىكىسى قىلىدۇ ۋە باشقا تاموژنا كەسىپلىرىنى بېجىرىدۇ.

    3- مادداگوۋۇيۈەندە مەملىكەت بويىچە تاموژنىلارنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان تاموژنا باش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ.

    دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتلاردا ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەسپى مەركەزلەشكەن جايلاردا تاموژنا تەسىس قىلىدۇ. تاموژنىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى مەمۇرىي رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

    تاموژنا خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

    4- ماددادۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسىدە ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى مەخسۇس تەھقىقلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ، ئەتكەسچىلەرنى مەخسۇس تۇتىدىغان ساقچىلارنى قويىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىدا تەھقىقلەش، توختىتپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

    تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتى تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

    تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن، تارماق ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. تارماق ئاپپاراتلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشتە، دېلونى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

    يەرلىك ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

    5 - ماددادۆلەت ئەتكەسچىلەرنى بىرلىكتە تۇتىدىغان، بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىدىغان، ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدىغان ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. تاموژنا ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇتۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى گوۋۇيۈەن ئايرىم چىقىرىدۇ.

    مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئالاقىدار تارماقلار قولغا چۈشۈرگەن ئەتكەسچىلىك دېلولىرىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىرىنى تاموزنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم؛ جىنايەت گۇمانى تۇغدۇرغانلىرىنى تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھەققىدىكى ئىش تەقسىماتى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/kanun_466.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号