ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
(1996 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 72 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 - باب قورال - ياراغنىڭ سەپلەپ بېرىلىشى ۋە سېتىۋېلىنىشى
3 - باب قورال - ياراغنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە خەلق ئىشلىتىلىدىغان قورال - ياراغلارنىڭ سېتىلىشى
4 - باب قورال - ياراغلارنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇلۇشى
5 - باب قورال - ياراغلارنىڭ توشۇلۇشى
6 - باب قورال - ياراغلارنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلۈشى ۋە چىقىرىلىشى
7 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
8 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1 - بابئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ قانۇن قورال - ياراغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى قورال - ياراغ باشقۇرۇشتا، بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇشقا سەپلەپ بېرىلىدىغان قورال - ياراغلارنى باشقۇرۇشتا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىغا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا دۆلەت قورال - ياراغلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال - ياراغنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ساقلىشى، ياسىشى )جۈملىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىشى، قۇراشتۇرۇشى(، ئېلىپ - سېتىشى، توشۇشى، ئىجارىگە بېرىشى، ئارىيەتكە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
دۆلەت قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت پاش قىلغۇچىلارنى قوغدايدۇ، قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
4 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى قورال - ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.