ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:








پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە يەرلىك كىشىلەر ‹‹قۇمتاغ›› دەپ ئاتايدىغان بىر جاي بار، بۇ جاينىڭ تولۇق ئىسمى ‹‹قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى›› بولۇپ ، شىنجاڭدىكى داڭلىق قۇملۇق باغچىسىدۇر. بۇ قۇملۇقنىڭ غەرب ۋە شەرق تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 كىلومېتىر ، جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئەڭ كەڭ جاي 40 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1880 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قۇم باغچا ھېسابلىنىدۇ.
قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى قۇملۇق تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى قۇملۇق يەر شەكلىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر.