تارىم ئويمانلىقى —جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان . غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ ، شەرقتە لوپنۇر ئويمانلىقىغىچە ، شىمالدا تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ ، جەنۇبتا كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگىچە تۇتۇشىدۇ . تەخمىنەن شىمالىي كەڭلىك 37 گرادۇستىن 42 گرادۇسقىچە بولغان ئىللىق بەلباغ دائىرىسى ئىچىگە جايلاشقان . ئويمانلىقنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلىقى 1400 كىلومېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 550 كىلومېتىر بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 560 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . ئويمانلىقنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تاغلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000~6000 مېتىر ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800~1300 مېتىرغىچە كېلىدۇ .
ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى :
شىنجاڭدىكى ئەڭ ــ دۇنيادىكى دېڭىز–ئوكياندىن ئەڭ يىراق شەھەر
شىنجاڭدىكى ئەڭ ــ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر پىششىقلاش‹‹ زاۋۇتى››
شىنجاڭدىكى ئەڭ ــ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور ئۇنىۋېرسال خەلقئارا يەرمەنكە
شىنجاڭدىكى ئەڭ ـــدۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاشيول
شىنجاڭدىكى ئەڭ ــ شايار ناھىيىسىدىكى توغراقلىق ‹‹دۇنيا جىننىس رېكورتلىرى قامۇسى›› غا كىرگۈزۈلدى