ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يېڭىسۆگەت مۇزلۇقى چوغىر چوققىسىنىڭ شىمال تەرىپىدە بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 41.5 كىلومېتىر ، مۇز تىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4200 مېتىر ، كۆلىمى 380 كۋادرات كىلومېتىر ، مۇز مىقدارى 116 كۇب كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ ، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھازىرقى زامان مۇزلۇقى ھېسابلىنىدۇ ، مۇزلۇقنىڭ ئېرىگەن سۈيى زەرەپشان دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ .


يېڭىسۆگەت مۇزلۇقى ئېگىز يايلاق ئىچكى قىسىمىدىكى قۇرغاق ، يېرىم قۇرغاق ھاۋا كىلماتى ئاستىدا شەكىللەنگەن چوڭ قۇرۇقلۇق مۇزلۇقى بولۇپ ، مۇزلۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ، ئېرىش سۈرئىتى ، سىلجىش سۈرئىتى ۋە ھەرىكەت سۈرئىتى ئاستا . يېڭسۆگەت مۇزلۇقى تۆت تارماق مۇزلۇق ۋە 10 دىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك مۇز ئېقىملىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن شاخسىمان جىلغا مۇزلۇقىدۇر .