ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسى تۇنجى قېتىم ئىتتىپاق تۈزگەن.
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرققە كېڭىيىش مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان.
1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە «تابا» شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كلىنتوننىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەرافات بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى رابىن ئاقسارايدا پەلەستىننىڭ ئاپتونومىيە باشقۇرۇش دائىرىسى توغرىسىدىكى «تابا» شەرتنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىغان.

1993-يلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتى رەسمىي باشلانغان.
1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرۇلغان.(تامام)