ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە سرىلانكا باش مىنىستىرى باندىرانايىك قەستكە ئۇچرىغان.
1883-يىلى بۈگۈنكى كۈندە روسىيە ئەمگەك ئازاتلىق كوممۇناسى قۇرۇلغان.
1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى نورماللاشقان.

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىز داچىڭ نېفىتلىگىنى بايقىغان.
1881-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلۇغ ئەدىب لۇ شۈن دۇنياغا كەلگەن. لۇ شۈننىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «دورا»،«ئاQ نىڭ تەرجىمالى» قاتارلىقلار بار. 1923-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، لۇشۈننىڭ «چۇقان» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئەسلى ئىسمى جۇۋ شۇرېن. 1881-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، لۇ شۈن شاڭخەيدە قازا قىلغان. ماۋ زېدۇڭ لۇ شۈننىڭ ئۆچمەك تۆھپىسى ۋە كۈرەش روھىغا تولۇق باھا بېرىپ: لۇشۈن جۇڭگودىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى، ئۇ ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئۇلۇغ ئىنقىلاپچى. لۇشۈننىڭ يۆنىلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ يۆلىنىشى، دېگەن. لۇشۈن جېجياڭ شاۋشىڭدىن. 1902-يىلى ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن، ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى داۋالاشنىڭ جىسمانىي كېسىلىنى داۋالاشتىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، كەسپىنى يازغۇچىلىققا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «دورا»، «ئاQ نىڭ تەرجىمىھالى»، «سەۋدايىلار خاتىرىسى»، «چۇقان» قاتارلىقلار بار. 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باھالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»-جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋىست مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دوكلات مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار. 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى يەنئەندە قۇرۇلغان، ماۋ زېدۇڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مىللىي ئازادلىقنىڭ چوڭ دەۋرىدە سەنئەت پائالىيىتىنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسېپى فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپىنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بۇرچى ۋە رولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك». لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەدەنىيەت-سەنئەت كادىرلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە قۇرغان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى بولۇپ، نامى 1940-يىلى «لۇشۈن ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلگەن.(تامام)