ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مۇخبىرلار فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1997-يىلى 31-ئاۋغۇست ئەنگلىيە خانىشى دىئاننا پارىژدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ساقچى تەرەپ بۇ ئىش 10 فوتۇ مۇخبىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنى «خېيىم خەتەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قۇتقۇزمىغان، سەۋەنلىك بىلەن يارىلاندۇرۇش» جىنايىتى بويىچە ئەيىپلىگەن. 24-سېنتەبىر ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيە زۇڭلىسى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىن چىققاندا، يۈزگە يېقىن فوتۇ مۇخبىرى ئاپىراتلىرىنىڭ ھەممىسى يەرگە قويۇپ قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتنى مۇخبىرلارغا ئارتىپ قويغانلىقىغا نامايىس بىلدۈرگەن.

1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تۇنجى قېتىم 65 مىليون يىل ئىلگىرىكى دىنوزاۋۇرنىڭ گېن ماتېرىيالىنى ئاجرىتىپ چىققان.
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامبۇدژا پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ كۈنى كەچتە سىخانوك يېڭى قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە قەسەم بېرىپ تەختتە ئولتۇرغان. بۇ كامبۇدژانىڭ 38 يىلدىن كېيىن قايتىدىن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ.
1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ ساچىر خانىم بىلەن خەلق سارىيىدا كۆرۈشكەندە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1984-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېڭ شياۋپىڭ شياڭگاڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» نى يولغا قويۇش 50 يىلدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن. دېڭ شياۋپىڭ شياڭگاڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكىلەر كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى 1997-يىلى شياڭگاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، قانۇنىي ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بېيجىڭ پەقەت شياڭگاڭغا ئارمىيە ئەۋەتىدۇ، لېكىن كادىرلارنى ئەۋەتمەيدۇ، بۇ نۇقتا ئۆزگەرمەيدۇ، بىزنىڭ ئارمىيە ئەۋەتىشىمىز دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىگە ئارىلىشىش ئەمەس. بىزنىڭ شياڭگاڭغا بولغان سىياسىتىمىز 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ.
1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلق سارىيى قۇرۇلغان. تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇدۇلىدا بىر ھەيۋەت قۇرۇلۇش قەد كۆتۈرگەن. بۇ يەردە مەملىكەتتىكى خەلق ۋەكىللىرى دۆلەت سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يەردە دۆلەت پىلانلىرىنى تۈزىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 171 مىڭ 800 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
1909-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو لايىھەلىگەن تۇنجى تۆمۈر يول جىڭجاڭ تۆمۈر يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. جىڭجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق.(تامام)